خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان يۇقۇملۇق ۋىرۇس

خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدا يەنە بىر كىچىك بالىنىڭ يۇقۇملۇق بىر ۋىرۇس بىلەن ئۆلۈشى، ھازىرغىچە 22 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئې ۋ 71 يۇقۇملۇق ۋېروسىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، خىتايدا تارقىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى كۆپەيتىۋەتتى.

جۈمە كۈنى، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ چېگرىسى يېقىندىكى، فوشان شەھىرىدە ئۆلگەن 18 ئايلىق كىچىك بىر بالىنىڭ ئې ۋ 71 ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، جاكارلىدى.

بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىبەتلەردىن قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى، شەنبە كۈنى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەرلىك سەھىيە دائىرلىرىنى، ئولىمپىك ھارپىسىدا، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان.

ئې ۋ 71 ۋىرۇسى مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا، خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، 22 كىچىك بالىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە 3300 كىشى مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى.