خىتاي سودا خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي يەر زىمىن ۋە تەبئىي بايلىقلار مىنىستىرلىكى غەربىي جەنۇپتىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى ھازىرلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. خەۋەردە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن، بېيچۈەن ناھىيىلىرىدە سۇ ئامبارلىرىنىڭ غۇلاپ چۈشۈش ئېھتىمالى ئالاھىدە جىددى ئىكەنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى 2 ناھىيە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ناھىيىلەر بولۇپ، بۇ ناھىيىلەرنىڭ ئورنى يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن جايدا ئىدى. خىتاي سودا خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مەلۇماتىدا يەر - زىمىن ۋە تەبئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ " ۋېنچۈەن، بېيچۈەن ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا ئاپەت ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكى" ھەققىدە توختالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي رەسمى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى جايلارنى غەربىي جەنۇبىدىكى 400 دىن ئارتۇق سۇ ئامبىرىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن "خەتەرلىك ئەھۋالدا" تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي دۆلەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى جۈمە يەر تەۋرەش رايونىدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ رېمونتىغا 53 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۈزلىكسىز كۆپەيمەكتە. جۈمە كۈنكى ستاتىستىكىدا ئۆلگەنلەرنىڭ 22 مىڭغا يەتكەنلىكى يەنە 40 مىڭ ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
