يۈننەندە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن يېزا ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "مىڭباۋ " گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مالىپو ناھىيىسىدىكى بىر يېزا ئاھالىسى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئىككى كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋغۇست ئېيىدا ئىچىلىدىغان، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، خىتايدا بىرەر ۋەقە چىقىپ قىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، زىجىن ئالتۇن كان شىركىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان يەرلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن تۆلەم پۇلنى قوبۇل قىلمىغان يېزا ئاھالىسىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى تېزدىن باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىپو ناھىيىسىدە پىچاق، كالتەك قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان 70 ئەتراپىدا يېزا خەلقى زىجىن ئالتۇن كان شىركىتى ئىشچىلىرى بىلەن يېزا ئاھالىسى ئوتتۇرسىدىكى جېدەلنى توختىتىش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتىلگەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بەش ساقچىنى يارىدارلاندۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ساقچىلار بىلەن يېزا ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بىر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېيتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 10 كىشى يارىلانغان. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان 5 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.