Dior شىركىتى تىبەتنى ھىمايە قىلغان ئارتىسنىڭ ئېلان سۈرىتىنى ئېلىپ تاشلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.29
2008.05.29
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ قارار ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇقىملاشقان بولۇپ، بىراق ئارتىسنىڭ شەخسى سۆز پىكرىنىڭ Dior شىركىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شىركەت باياناتچىسى يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق مۇنازىرىلەرنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
Sharin Stone، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن گانا كىنو فېستىۋالىدا، دالاي لامانى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوست ئىكەنلىكىنى، بۇددا دىنىدا ئېيتىلغىنىدەك، باشقىلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەڭرىنىڭ ئەۋەتكەن جازاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ، Sharin Stone نى بىر سەنئەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ دۆلەت بىلەن دۆلەت، خەلق بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز - ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىنى تەشەببۇس قىلدى.