خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى كۆمۈر كان پارتىلىشىدا 27 كۆمۈركان ئىشچىسى ئۆلگەن

جۈمە كۈنى خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 27 كۆمۈركان ئىشچىسى ئۆلگەن 7 ئىشچى كان ئىچىدە قامىلىپ قالغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتىلاش يۈز بەرگەن مەزگىلدە، يەر ئاستىدا 58 ئىشچى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ 15 نەپىرى ئۆزلىرى چىقىپ قۇتۇلغان ۋە 9 ئىشچى بولسا، قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئانشىن كۆمۈركان شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە بولغان مەزكۇر كۆمۈركاندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ئىكەن.

خىتاي كۆمۈركان بىخەتەرلىكى مەسىلسىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەت بولۇپ، خىتايدىكى كۆمۈركانلاردا يۈز بېرىدىغان پارتىلاش ۋە سۇ بېسىش ۋەقەلىرىدە ھەر يىلى 3786 كىشى ئۆلىدۇ. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كۆمۈركانلاردىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشىلاش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان بەلگىلىمىلەر چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلسىدە ھازىرغىچە قانائەتلىنەرلىك بىر نەتىجە قولغا كەلتۈرەلمىگەن.