يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 50000 دىن ئېشىشى مۇمكىن

12‏ - ماي كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭ 75 كىشىگە يەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.20

 خىتاي دۆلەت كابىنىتى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 50000 دىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، يەر تەۋرەشتە قۇربان بولغانلار ئۈچۈن ئېچىلغان تەزىيە دەپتىرىنى ئىمزالىدى. پرېزىدېنت بۇش، خىتاي باش ئەلچىخانىسىدىكى زىيارىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ قۇربانلىرىغا كېرەكلىك ياردەم يەتكۈزۈشتە يېتەرسىز قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدلەردىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىغان ۋە يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغانلارغا بېرىلىدىغان ياردەملەردىن ئۆز شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى، بىلدۈردى.

خىتاي كومپارتىيىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتا، پۈتۈن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ، قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان قانۇنسىزلىق ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە قاتتىق قۇللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.