سىچۇەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەر تەۋرىگەندىن كېيىن 5 مىليون 200 مىڭ ئادەم ئۆي - ماكانسىز قالدى دەپ جاكارلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىچۇئەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن ئادەم سانى ھازىر 41 مىڭ 353 كە يەتتى. بۇ ساننى خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ باياناتچىسى گو ۋېي ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم سىچۇئەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى 8 بال. ئاپەتتە زەخمىلەنگەن ئادەم سانى 274 مىڭ 683 . بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 5 ‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى يەر تەۋرىگەندىن بۇيان 32 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تېخىچە ئىز - دېرىكى يوق.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن، يەنى يەر تەۋرەپ 9 كۈن ئۆتكەندە، تونىلدا كۆمۈلۈپ قالغان بىر ئايال قۇتقۇزىۋېلىنغان.

سىچۇەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن لى چېڭيۇئەن ئەپەندى مۇخبىرلارغا، سىچۇئەندە يەر تەۋرىگەندە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كانلار، ھەتتا ئاتوم ئىسكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت مۈلكىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن، پەقەت سىچۇئەندە ھازىر 5 مىليون 200 مىڭ ئادەم ئۆي - ماكانسىز دەپ جاكارلىغان.

بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر سىچۇئەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە سىلكىنىپ قورقۇپ كەتكەن 8 مۈشۈك ئېيىقىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە.