خىتاي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر 8 مىڭدىن ئاشتى

12 - ماي دۈشەنبە كۈنى، غەربىي جەنۇبى خىتاي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە مىڭلىغان ئادەم ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان بولسا، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھازىر 8 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ سان بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن.

ئاپەت سىچۈەن ئۆلكىسىدە بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، سىچۇەن ئۆلكىسى بېيچۈەن چياڭ ئاپتونوم ناھىيىسى تەۋەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 8مىڭ بەش يۈزگە يارىلانغانلار 10 مىڭغا يەتكەن.

مەلۇم بولۇشچە، خىتايدا بۇ نۆۋەت يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىر دائىرىسى، خىتاينىڭ گەنسۇ، يۈننەن ئۆلكىلىرى، بېيجىڭغىچە بولغان رايونلاردا كۆرۈلگەن.

7.8 بال ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەش چۈشتىن كىيىن 2:30 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، تەسىر دائىرىسى ۋە ئۆلگەن ئادەم سانى جەھەتتە 1976 - يىلى 28 - ئىيۇل خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ ئاپەت بولۇپ، ئەينى چاغدا تاڭشەندە 8.2 بال يەر تەۋرەپ 255 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى.