خىتاينىڭ يۈيخۇەن ناھىيىسىدە ئاققۇن ئىشچىلار ئىسيان كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.14
2008.07.14
مەركىزى خوڭكوڭدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈيخۇەن ناھىيىسىدىكى كەنمېن بازىرىدا يۈز بەرگەن ئىسيانغا بىر ئاققۇن ئىشچىنىڭ تاياق يېگەنلىك ۋەقەسى سەۋەب بولغانلىقىنى، غەزەپلەنگەن ئاققۇنلار توپىنىڭ كەنمېن ساقچىخانىسىغا ئۇدا 3 كېچە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ جايدىكى بىر ساقچى خادىمى ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ بىرىنى ئۇرغان، تاياق يېگۈچى مەزكۇر ساقچى ئۈستىدىن ئەرزى قىلىپ ساقچىخانىغا بارسا سولاپ قويۇلغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئاققۇنلار ساقچىخانىنى قورشىۋالغان. يۈيخۇەن ناھىيىسىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ۋەقەنى " ج خ ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ئېغىر توسالغۇ بولغان" شۇنداقلا "دۆلەت ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلىشتەك ئېغىر جىنايى ھەرىكەت " دەپ ئەيىبلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر يەكشەنبە كۈنى يۈيخۇەن ناھىيىسىگە 300 كىشىلىك قوراللىق ساقچى قىسىمىنى يۆتكەپ كەلگەن. يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىيانەتچىلىك، يەر ئىگىلىۋېلىش، ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان نارازىلىقلار ۋە ئاممىۋى ئىسيانلار ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرمەكتە.
يېقىندا گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋېڭئەن ناھىيىسىدە نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك ئاممىنىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ناھىيە ھاكىمى، ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.









