شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ئولىمپىكتا نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن خىتاي ئولىمپىك تەشكىللىگۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلمەكتە.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تەپسىلىي خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى چەتئەل تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىشنى چەكلىگەن ھەمدە تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى خىتاي پورتىدا تورىۋېلىپ خىتايغا ۋاقتىدا كىرىشىگە ئاۋارىچىلىق شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى خەۋەر قىلىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان توققۇز خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە شىركىتى ۋاكالەتچىلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تەشكىللەش ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن "جىددىي خاراكتېرلىك" يىغىن چاقىرغان.
ئىككى ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى تيەنئەنمېندىن نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشكە يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، ئەمما خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەدىسىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە يېنىۋېلىشى، چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان.
بېيجىڭ ئولىمپىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا كېلىدىغان چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەمدە مەزكۇر ئولىمپىكنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشنى سېتىۋالغان شىركەتلەرنى ئالاھىدە بىئارام قىلىۋاتقان يەنە بىر چوڭ تەرەپ بولسا، خىتاينىڭ بۇندىن يەتتە يىل بۇرۇن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەرگەن ۋەدىسىدىن يۈز ئۆرۈشى بولۇپ، 2001 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ ۋېي ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى تالىشىش جەريانىدا، خىتايدا ئاخباراتنى پۈتۈنلەي قويۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان ئىدى.
