ياپونىيە خىتايدىكى قۇتقۇزۇشقا ھەربىي ئايرۇپىلان ئەۋەتىشتىن ۋاز كەچتى

ياپونىيە دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىدىغان ياردەم بۇيۇملىرىنى ھەربىي ئايرۇپىلاندا توشۇش پىلانىدىن ، خىتايلارنى بىئارام قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008-05-30
Share

ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشقان بولسا، بۇ ياپونىيە ھەربىيلىرىنىڭ 2 ‏ - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم قايتا خىتاي زېمىنىغا ئاياغ بېسىشى بولۇپ قالاتتى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ماچىمورۇ، خىتايغا ئەۋەتىلىدىغان چېدىر ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھاۋا يولى ترانسپورت ئەسلىھەلىرىدە توشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ماچىمورۇ، "ھازىرچە قوغدىنىش قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ئايرۇپىلانلىرىنى ئىشلىتىش پىلانى يوقلۇقى"نى، چۈنكى ھەربىي ئايرۇپىلاندا توشۇش پىلانى خىتايدا بەزى بىئارامچىلىقلارنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ياردەم بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ھەربىي ئايرۇپىلاندا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر خىتاي تور بەتلىرىدە ناھايىتى جىددىي مۇنازىرە قوزغىغان. ماچىمورۇ، "ئەگەر بۇ تالاش - تارتىش قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ قالسا ئۇنداق قىلىنماسلىقى كېرەك " دەيدۇ.
 
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىشىبا خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى بىئارامچىلىقىنى ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرگە باغلىغان. ئۇ ، خىتاينىڭ "ياپونىيىگە نىسبەتەن باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان ئەسلىمىسى بار " دەپ تەكىتلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، لېكىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قاتنىشىش مەسىلىسىنى خىتاي - ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكلىرى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت