خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ نىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا پارلامېنتنىڭ قارارى خىتاي خەلقىنىڭ قەلبىنى قاتتىق رەنجىتىدىغان بىر قارار بولۇپ، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشماسلىق ھېسابلىنىدىكەن.
ياۋرۇپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى يەنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەت ھەققىدە قوبۇل قىلغان قارارىدىن بىر كۈن كېيىن، ئوخشاش بىر قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشقا، چاقىرغان ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن باياناتىدا، ياۋرۇپا پارلامېنتى ئەزالىرىنى، دالاي لامانىڭ تىبەتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلىغانلىقىنى كۆرمەسكە سالغان دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە " ياۋرۇپا پارلامېنتنىڭ قارارى، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈپ، دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولىدۇ " دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ ئارىدا، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، شەنبە كۈنى بىر گېرمان گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، دالاي لاما بىلەن قايتىدىن ئۇچرىشىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بىلدۈردى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا، دالاي لامانى باش مىنىستىرلىك سارىيىدا قوبۇل قىلىشى، خىتاي بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىيا باۋ نىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراشقا چاقىرىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە بىر كرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئاچقان ئىدى.
