سىچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە مەكتەپتە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئەرزى خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى

ياپون ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە دۇجاڭ شەھىرىدىكى يەنجۈيۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىناسى قۇمدەك چېچىلىپ ئۆرۈلگەن ئىكەن، شۇ ئاپەتتە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن 150 تىن ئارتۇق ئادەم 6 ‏ - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ناچار بولغانلىقى ھەققىدە سوتقا ئەرز سۇنغىلى بارغاندا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

بۇ دېلوغا مەسئۇل بولغان ئادۋوكاتلارنىڭمۇ سوت مەھكىمىسىگە كېلىشى چەكلەنگەن.

رەسىملىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەكتەپ بىناسى ئۆرۈلگەندە ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئاتا - ئانىلار خىتاي ساقچىلىرىغا سۇئال قويۇۋاتقان ۋە خىتاي ساقچىلىرى ئەرزىيەتچىلەرنى يېقىلغان يېرىدىن سۆرەپ ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشلەر بار.