ۋاشىنگتون شەھىرىدە «خىتايدىكى دىنغا قارىتىلغان تېخنىكا نازارەتچىلىكى» تېمىسىدا گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس تونىي پېركىنس ئەپەندى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 22-ئىيۇل.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس تونىي پېركىنس ئەپەندى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 22-ئىيۇل.
uscirf.gov

ئۆتكەن يىگىرمە يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا كىرىشكەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ قىلمىش خەلقئارانىڭ كەسكىن ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئورنىغا، بۇ ھالنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر قاتارلىق دىنىي ئېتىقادنى كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ئاجرالمىسى تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇرغان مىللەتلەرنى بىۋاسىتە نازارەت قىلىشقا ۋاسىتە قىلىشى، شۇنىڭدەك دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تەقىبگە ئۇچرىشىدا «يېڭى رېكورت» يارىتىشى بارغانسېرى زور تەنقىد سادالىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئەنە شۇ جەھەتتىكى رېئاللىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 22-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى گايل مانشىن خانىم سۆز ئېلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ خەلققە زۇلۇم سېلىشنىڭ ھېچ ۋاقىت توختاپ قالمىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. بولۇپمۇ نۆۋەتتە بۇ زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماش، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەمدە ئاخىرىدا قىرغىنچىلىق شەكلىنى ئالغان نوپۇس كونتروللۇقىنى ئىجرا قىلىش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە بىلەن ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقىنىڭ باراۋەر يوسۇندا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ زامانىۋى پەن-تېخنىكىلارنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىغا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى قانداق شەكىلدە زۇلۇم ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقىغا قاراپ چىقىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن مۇئاۋىن رەئىس تونىي پېركىنس ئەپەندى نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە Hikvision, Dahua قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ياردەملىشىشى بىلەن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا مىليونلارچە كۆزىتىش كامېراسى ۋە باشقا ئىز قوغلاش ۋاسىتىلىرىنى ئورنىتىپ چىققانلىقىنى، ئەمدىلىكتە مۇشۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى بىۋاسىتە كونترول قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «بۇ بىر ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم غەرەزلىك ھالدا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ئوخشىمىغان ئىرقتىكى كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىش قىلمىشىدۇر» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتايدىكى تېخنولوگىيە شىركەتلىرى بازارغا سېلىۋاتقان ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكادىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى Intel, Thermo Fisher قاتارلىقلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا ئاپىرىۋاتقان كۆزىتىش كامېرالىرى، گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ «بىز ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل سودا پائالىيىتىگە ئېنىق چەكلىمە قويۇشىمىز لازىم» دېدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىگە زۇلۇم سېلىش مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا نۇقتىلىق پىكىر قىلغان كىشى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى كوردېل خال بولدى. ئۇ گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەھۋاللاردىن سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزى مەسئۇل بولۇۋاتقان ئىدارىنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدا مۇشۇ خىلدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەتنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا چېتىشلىق شىركەتلەرنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشتا پائال رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا يېقىندا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا مال ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەش» نىڭ بۇنىڭدىكى يېڭى تەدبىرلەردىن بولغانلىقىنى بايان قىلدى. كوردېل خال ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئېكسپورت كونتروللۇقىنى ئىسلاھ قىلىش قانۇنى» ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ئىستېمالچىلار بازىرىنىڭ تاشقى دۇنيادىن تاۋار ئىمپورت قىلىشىغا يېتەكچى بولىدىغان ئاساسلىق ۋاسىتە ئىكەن. دەل مۇشۇ قانۇن سەۋەبىدىن نۆۋەتتە سودا مىنىستىرى رۇس ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىش، دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇمنى يولغا قويۇش قىلمىشلىرىغا چېتىشلىق ئېكسپورت پائالىيىتىگە ئېنىق چەكلىمە قويغان. ھازىر ئۇلار «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 48 گە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ زور بىر قىسمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەر ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇملارنى چەكلەشتە بىۋاسىتە ۋە ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي زىيانكەشلىككە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىنى تېخنىكىلىق نازارەت سورۇنى قىلىۋېلىشى ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر ھەققىدە سۆز قىلدى. بولۇپمۇ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەركىزى» كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئامىي لېر نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان يېڭى تېخنىكىلاردىن ئىجابىي ۋە سەلبىي مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ بىردەك مۇمكىنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆكۈمەت سۈپىتىدە بۇنىڭدىكى سەلبىي تەرەپنى تاللاپ، بۇنى دىنىي ئاممىنى كونترول قىلىشقا تەتبىقلاۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ئۈچۈن يېتەكچى پىرىنسىپى» دىكى بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاقتى كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى بارلىق سودا شىركەتلىرى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بۇ يېتەكچى پرىنسىپتا كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىشقا چېتىلىپ قالغان بارلىق سودا پائالىيەتلىرىنى چەكلەش بەلگىلەنگەنىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئامېرىكادىكى بارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىگە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ «يېتەكچى پرىنسىپ» نى ئىجرا قىلىشى، ئېكسپورت كونتروللۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئامېرىكا مەبلەغ شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى شىنا گرايتىنس بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق بەرپا قىلىپ چىققان ساقچىلار دۆلىتى ۋە نازارەت مېخانىزمىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، شى جىنپىڭنىڭ «ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش» دېگەن باش يېتەكچى ئىدىيىسىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئورنىتىش» ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىش بەدىلىگە «مىسلىسىز مۇكەممەل» بولغان نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نىشان دىنىي ئېتىقاد ساھەسى بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق بارلىق ئۇيغۇرلار «زەھەرلىك ئۆسمە» ۋە «سىياسىي ۋىرۇس» دېگەن تەبىر بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ «سىياسىي كېسەللىك» نى «داۋالاش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرغا قاماش، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى بەكمۇ زۆرۈر ئىكەن.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاقىللار مەركىزى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ گۇۋاھلىق بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ماتېرىياللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت