خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى فېۋرالدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىسقارغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-03-01
Share
xitay-ihtisadi-zeipleshti-202002.png ئا ب س خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ فېۋرالدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر. 2020-يىلى 28-فېۋرال.
Photo: RFA

ئا ب س خەۋەرلەر تورىنىڭ شەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يۈرگۈزۈلگەن چەكلەش تەدبىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خام ئەشيا سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ يانۋاردىكى 50 پوئىنتتىن فېۋرال ئېيىدا 35.7 پوئىنتقا تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ كۆرسەتكۈچ 100 پوئىنتلىق بولۇپ، ئەگەر خام ئەشيا سېتىۋېلىش نىسبىتى 50 پوئىنتتىن تۆۋەنلىسە بۇ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ قىسقارغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇ ھەقتە توختالغان ING مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئايرىس پاڭ خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، مال تەمىنلەش لىنىيەلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يەنىلا دەخلىگە ئۇچرىغان ھالەتنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە، نورمال خىزمەت ئېقىمىنىڭ ھەتتا ئاپرېلغىچە ئەسلىگە كېلىپ بولالىشى ناتايىن ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

كورونا ۋىرۇسى ۋۇخەندە تۇنجى بايقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سانائەت بازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بۇ شەھەر 23 يانۋاردىن باشلاپ كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بەزى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى، پولات، مىس قاتارلىق ئېغىر سانائەت شىركەتلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، ۋىرۇس چەكلىمىسى سەۋەبلىك تاقالغان يەنە قانچىلىك شەخسىي شىركەت ۋە زاۋۇتلارنىڭ بارلىقى ئۇلارنىڭ يەنە قاچانغىچە تاقاق تۇرىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت