ئا ب س خەۋەرلەر تورىنىڭ شەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يۈرگۈزۈلگەن چەكلەش تەدبىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خام ئەشيا سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ يانۋاردىكى 50 پوئىنتتىن فېۋرال ئېيىدا 35.7 پوئىنتقا تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بۇ كۆرسەتكۈچ 100 پوئىنتلىق بولۇپ، ئەگەر خام ئەشيا سېتىۋېلىش نىسبىتى 50 پوئىنتتىن تۆۋەنلىسە بۇ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ قىسقارغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇ ھەقتە توختالغان ING مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئايرىس پاڭ خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، مال تەمىنلەش لىنىيەلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يەنىلا دەخلىگە ئۇچرىغان ھالەتنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە، نورمال خىزمەت ئېقىمىنىڭ ھەتتا ئاپرېلغىچە ئەسلىگە كېلىپ بولالىشى ناتايىن ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.
كورونا ۋىرۇسى ۋۇخەندە تۇنجى بايقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سانائەت بازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بۇ شەھەر 23 يانۋاردىن باشلاپ كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى بەزى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى، پولات، مىس قاتارلىق ئېغىر سانائەت شىركەتلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى، ۋىرۇس چەكلىمىسى سەۋەبلىك تاقالغان يەنە قانچىلىك شەخسىي شىركەت ۋە زاۋۇتلارنىڭ بارلىقى ئۇلارنىڭ يەنە قاچانغىچە تاقاق تۇرىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.