ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى DHS نىڭ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.03.12
dale-strong-mark-green (سولدىن) ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېئىل ستروڭ (Dale Strong)، ئاۋام پالاتا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك گرېن (Mark Green)، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كلېي خىگگىنس (Clay Higgins) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى لاۋرېل لى (Laurel Lee)لار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2023-يىلى 14-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
AP Photo/J. Scott Applewhite

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 10-مارت كۈنى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توسۇش، چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپە بېرىش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدىمۇ تەستىقلىنىپ پىرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا، خىتايغا نىشانلىق تاقابىل تۇرۇش ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىكەن، شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ ئامېرىكادىكى چېگرا ھالقىغان پائالىيەتلىرىگە، ئۇنىڭ ئامېرىكا سىستېمىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوغرىلىق، بۇزغۇنچىلىق، تەپرىقىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتەك تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرىدىكەن.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېئىل ستروڭ (Dale Strong) تەرىپىدىن بۇ يىل 1-ئايدا قايتا سۇنۇلغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى قارمىقىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق، تور بىخەتەرلىكى، چېگرا ۋە پورت بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەھدىتى ۋە باشقا مەقسەتلىرىگە قارشى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېئىل ستروڭ بۇ قانۇن لايىھەسى 10-مارت دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىدا سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدا ھېچقانداق گۇمان يوقلۇقى، شۇڭا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ كەسكىن تەدبىر ئېلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. دېئىل ستروڭ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلىتىمىزگە كەڭ كۆلەملىك خەۋپ يەتكۈزمەكتە. بۇ تەھدىت ئاممىۋى بىخەتەرلىك، چېگرا، كۆچمەنلەر، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردە كۆرۈلدى. بۇ دۇنياۋى رىقابەت، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا ۋە بەزى ئەھۋاللاردا بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا ئېغىر يۈك ئېلىپ كەلمەكتە. شۈبھىسىزكى، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بۇ مۇرەككەپ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.»

دېئىل ستروڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. دېئىل ستروڭ، «بۇ قانۇن لايىھەسى ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دىققىتىنىى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشىنى، بولۇپمۇ ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ تەھدىتنى تەكشۈرۈشى، باھالىشى ۋە دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك گرېن (Mark Green) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك گرېن (Mark Green) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
AP Photo/Rod Lamkey, Jr

ئەگەر ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىدا خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلسا، بۇ مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ باشچىلىقىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن كېيىن مەخسۇس خىتاينى نىشان قىلىپ قۇرۇلغان 2-خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ قالىدىكەن. سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننىڭ 2022-يىلى 12-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باشچىلىقىدا بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك گرېن (Mark Green) 10-مارت دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇن خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش يولىدىكى مۇھىم باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مارك گرېن مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە تەھدىت سېلىشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. بىز بۇ جىددىي خىرىسقا جىددىي تەدبىرلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ جەھەتتىكى مۇھىم باشلىنىشتۇر.»

مارك گرېننىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي تەھدىتى، بىرىنى تاللاش ياكى تاللىماسلىق مەسىلىسى ئەمەس ئىكەن. مارك گرېن: «بىز ئۆزىمىزنىڭ ھالىتىمىزنى چوقۇم ئۆزگەرتىپ، خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلىۋاتقان بۇ تەھدىتكە قارشى مۇۋاپىق بىر چارە قوللىنىشىمىز كېرەك. بۇ بىرىنى تاللاش ياكى تاللىماسلىق مەسىلىسى ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى بەزى ئانالىزچىلار ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئامېرىكانىڭ بۇنداق بىر ئورگاننى تەسىس قىلىشىنىڭ بىر زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچى ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇنداق بىر ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. لېكىن بىزنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىمىز، بۇ ئورگاننىڭ مەشغۇلات تەرتىپىدۇر. بۇ ئورگان قانداق مەشغۇلاتلار ئېلىپ بارىدۇ؟ بۇ ئەمەلىي مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇھىم. چۈنكى، ئامېرىكا بۇرۇن خىتايدىن كېلىۋاتقان بۇنداق خىرىسقا دۇچ كېلىپ باقمىغان. بۇ خىرىس سوغۇق ئۇرۇشى دەۋرىدىكىگىمۇ ئوخشىمايدۇ.»

خۇ پىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىلگىرى دۇچ كېلىپ باقمىغان بۇ خىرىسلارنىڭ بىرى، ئامېرىكاغا خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللايدىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكاغا خىرىس قىلىشى بولماقتا ئىكەن. خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، بۇ ئۇلار بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان رىقابەتتە يولۇقۇپ باقمىغان بىر مەسىلە. بۇ كىشىلەر ئامېرىكادا ئىنتايىن قانۇنلۇق يوللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە. شۇڭا بۇ يەردىكى نېگىزلىك ھالقا بۇ كىشىلەرنى قانداق قېزىپ چىقىرىشتۇر. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، ئامېرىكانىڭ بۇرۇن بۇنداق بىر تەجرىبىسى بولۇپ باقمىغان».

دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى لوۋ كوررې( Lou Correa) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 13-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى لوۋ كوررې( Lou Correa) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 13-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
REUTERS/Kevin Wurm

ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى بىردەك قوللىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىچكى-تاشقىي سىياسىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەسىلىسىدە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ بىردەك پىكىردە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا. دېئىل ستروڭنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرۇش قالقىنى قانۇن لايىھەسى» بۇ قېتىم 410 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغان. دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى لوۋ كوررې(Lou Correa) 10-مارت دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكاغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە بىردەك ھەم ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لوۋ كوررې مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكاغا تەھدىت سېلىشىغا بىردەك تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىنى مۆلچەرلەيدۇ، بۇ تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى ئالىدۇ. سىستېمىدىكى ھەرقانداق بوشلۇقنى بايقايدۇ. شۇنىڭدەك ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكاغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىردەك ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.