خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ھەققىدە ئاساسىي مەلۇمات (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.12.28
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق: قېرىنداشلىرىم گۆرۈدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتى تېخىمۇ كۈچەيدى گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىققا ئۈندىداردا ئېكران ئارقىلىق تېلېفون قىلغان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىمى. 2021-يىلى فېۋرال.
Qelbinur Sidiq teminligen

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 13-دېكابىر كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننى ساقچىلاشتۇرۇش: ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ خەرىتىلەشتۈرۈلۈشى» سەرلەۋھىلىك يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغانىدى.

مەزكۇر دوكلاتتا ساقچىلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋەزىپە ۋە ئايرىم قوماندانلىق تەشكىلى بارلىقى، بەزىلىرىنىڭ يەرلىك قاتلامدا، بەزىلىرىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قاتلاملاردا ئىكەنلىكى  ۋە ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئىسخېمىلاشتۇرۇلۇپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى بېن كاردۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قىلىپ، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە ئارمىيە، ساقچى دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىدىغانلىقنى بىلدۈرگەنىدى.

بىز بۇ  ھەقتە ئېنىقراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا رەسمىي «ساقچى» بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەمەت (زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەخەللۇس قوللىنىلدى) ئەپەندىنى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق. 

مەمەت ئەپەندى خىتاينىڭ ساقچى سىستېمىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي  ھۆكۈمىتىنىڭ  خەلقنى «دۈشمەن» قاتارىدا كۆرۈپ سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.