«يالقۇن روزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاشكارا يوقىتىشنىڭ باشلىنىشى »

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.10.09
Yalqun-Rozi-renglik-1920 ئوڭدىن سولغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئالىمجان مەمتىمىن، «شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى» نىڭ تەھرىرى، ئوبزورچى يالقۇن روزى، «شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى» نىڭ تەھرىرى، شائىر ۋاھىتجان ئوسمان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت
Photo: RFA

تونۇلغان ئوبزورچى، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يالقۇن روزى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2016-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

2024-يىلى 6-ئۆكتەبىر كۈنى يالقۇن روزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى تۇمارىس يالقۇن X ۋە ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ، دادىسى يالقۇن روزىغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

تۇمارىس يالقۇن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدىب ۋە ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان يالقۇن روزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئاشكارا يوقىتىلىشىنىڭ قەدىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

«سەككىز يىل ئىلگىرى، دادام يالقۇن روزى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. ئۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر زىيالىي، يازغۇچى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچى ئىدى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىشقا بېغىشلىغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغانىدى. ئەمما 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرنى ئۇزۇن يىل ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان شۇ ھۆكۈمەت تۇيۇقسىز بۇ دەرسلىكلەردە مەسىلە بار دەپ قاراپ، دادامنى قولغا ئالدى. دادام يېقىنقى 8 يىلنى تۈرمىدە ئۆتكۈزدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلىمنىڭ كۈچى ۋە كىشىلەرنىڭ كىملىكىنىڭ كۈچىدىن قورقىدىغان ھاكىمىيەت تەرىپىدىن جىمىقتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىپ، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى چەكلىدى. ئانا تىلىمىز سۇسلاپ كەتتى، بالىلار راۋان سۆزلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى دەرسخانىلاردىن غايىب بولۇۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى مەدەنىيەت يوقىتىشى ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ».

مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلغان تۇمارىس يالقۇن 8-ئۆكتەبىر كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى باياناتتا دادىسى ۋە دادىسىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يوقىتىلىش ئوبيېكتى قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ مائارىپىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىلغانلىقى ۋە بۇ ۋەزىيەتكە پۈتكۈل دۇنيانىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى تەلەپ قىلىنغان ئىكەن.

يالقۇن روزى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئوخشاش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان يالقۇن روزىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باياناتىدا، «كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزىنىڭ ناھەق تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يالقۇن روزىغا ئوخشاش ناھەق ھالدا تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يالقۇن روزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرمۇ ئەڭ دەسلەپ ئۇ ئېلان قىلغان «تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» تىزىملىكىدە بېرىلگەن ئىدى.

8-ئۆكتەبىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى يالقۇن روزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى قەدەممۇ قەدەم يوقىتىش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەقە» دەپ باھالىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالقۇن روزى قاتارلىقلارنى تۇتقۇن قىلىشى ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى يوقىتىشقا ئۆتكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلاۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش جىنايىتىنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى كۈچەيتىشكە باشلىغان «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ھەرىكىتى داۋامىدا، مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتار ساۋۇت، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم، دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەھرىرلىرىدىن يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىقلار «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىلەرگە قامالغان بولۇپ، ساتتار ساۋۇت ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

1978-يىلدىن 2008-يىلغىچە بولغان ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرشۇناس تىموسى گرۇس، ھەرقانداق ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇقات تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ساتتار ساۋۇت، يالقۇن روزى قاتارلىقلار مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن دەرسلىكلەرنىڭ خىتاي ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە كونتروللىرىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ نەشر قىلىنمايدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇقلۇق، ئۇلار يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانلىق زەربىسىگە ئۇچرىغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئەينى چاغدا مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرازاق سايىم، ساتتار ساۋۇت، ئالىمجان مەمتىمىن، ۋاھىتجان ئوسمان، ئارسلان ئابدۇللا ۋە باشقا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك سەرخىل ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار قوشۇنى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.