ياپونىيەدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2025.01.30

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياپونىيەدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ياپونىيە مىيە ناھىيەسىنىڭ يىگا شەھىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى، كوچىدا نۇتۇق سۆزلەش ۋە ۋاراقچە تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەت يىگا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باشقا، يىگا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خادىملىرى ۋە خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە تايلاندتا قامىلىپ تۇرغان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردىم. دوكلاتنى ئاڭلىغانلار بۇنىڭغا قىزىقىپ: ‹خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنىڭ ياپونىيەدىكى ھاياتىڭلار بىخەتەرمۇ؟ بۇندىن كېيىن سىلەرگە قانداق ياردەم بەرسەك بولىدۇ؟› دېگەن سوئاللارنى سورىدى».
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزگەندە، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىۋاسىتە قوللاپ باقمىغان ئىكەن. بۇ قېتىمقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قوللىغان ئۈچىنچى پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ساۋۇت مەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بارغانچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، ياپونىيەدە ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مۇھىم پائالىيىتىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيەدە ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پائالىيىتىمىز بار. بۇ بولسىمۇ ياپونىيەدىكى پۈتۈن شەھەر ۋە يېزىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، كۆرگەزمە ئېچىش، ھۆججەتلىك فىلىملارنى قويۇش ۋە كوچىلاردا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىشتۇر».
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 2024-يىل ئىچىدە ياپونىيەنىڭ 9 شەھىرىدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، 2025-يىلدىكى تۇنجى پائالىيەتنى 27- ۋە 28-يانۋار كۈنلىرى ياپونىيە مىيە ناھىيەسىنىڭ يىگا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
2022-يىل 11-ئاينىڭ 16-، 17-كۈنلىرى ياپونىيە چىبا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ياپونىيەدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن.