ئۇيغۇر ياشلىرى ئىستانبۇلدا خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى توغرىسىدا لېكسىيە ئاڭلىدى
2025.01.30

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن پىلانلانغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 4-قارار لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 25-ۋە 26-كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
تەربىيەلەش كۇرسىغا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى مەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى، ئۇيغۇر ياشلىرىغا «خىتاينىڭ يەر شارى رىقابەت ئىستراتېگىيەسى»، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن سابىق دىپلومات شەمسىقەمەر ئارتۇش خانىم، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرۈشىدە يېڭى ئىستراتېگىيەلەر»، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتورانت ئابدۇللا ئوغۇز، «قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى»، ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى «ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى ئىسلام ئېقىملىرى» دېگەن تېمىلاردا دوكلات بەردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مىللىي مائارىپى ۋە مەدەنىيىتى ھەر جەھەتتىن خىتاينىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش شۇنداقلا ئۇلارنى دەۋا سېپىغا قوشۇش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت ئىشلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ياشلارغا چۈشەندۈرۈشىمىز ۋە ئۆگىتىشىمىز بەك مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ كۇرس پىروگراممىسىدا، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەيلى ئېتىقاد، مەيلى ئىبادەت، مەيلى ئەخلاق ۋە ياكى مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي قاراش جەھەتلەردىن بولسۇن ھەممىدە بىرلىككە كەلگەن ئاساسنى تىكلەپ ۋە بۇلارنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھەم مۇسۇلمانلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ھەم مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش شۇنىڭدەك دەۋانى مۇشۇ ئاساستا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق شەكىللەندۈرگەن ھالەتتە داۋام قىلدۇرۇشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلىدىم».
بىز يەنە سابىق دىپلومات شەمىسقەمەر ئارتىش خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەمسىقەمەر خانىم، ئۇيغۇر ياشلىرىنى رەھبەر قىلىپ يېتىشتۈرۈش ۋە دەۋا سېپىگە قوشۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياشلارنى رەھبەر قىلىپ يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرىنى ئېچىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنى تەبرىكلەيمەن ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. چۈنكى بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ كېرەكلىك بىر ھەرىكەت ۋە مۇھىم بىر ئىش. دەۋانىڭ چوقۇم ۋارىسلىرى يېتىشىپ چىقىشى كېرەك. مانا مۇشۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە تەربىيەلىنىۋاتقان ياشلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دەۋانىڭ ۋارىسلىرى بولىدۇ. ياشلار رەھبەرلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىپ خەلقنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ۋە قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. تارىختىن بۇيان ئاڭنى ئاشۇرۇش ۋە خەلقنى تەشكىللەش ئارقىلىق زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئۆرنەكلەر بار. يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان بۇ ياشلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر ساھەدە ئوقۇپ يېتىشكەن، لېكىن ھازىرغىچە دەۋا سېپىگە قېتىلمىغان ياشلارنى ۋە ھەتتا خەلقلەرنىمۇ بۇ داۋاغا قېتىپ كوللېكتىپ بىر كۈچ ۋە ئەقىل بەرپا قىلىش ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە» .
بىز، «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كۇرسلارنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇزۇن مەزگىللىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بۇ كۇرسىغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە قاتنىشىشى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئۆتكەن قېتىمقىدىن ئوخشىمايدىغان پەرقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى كۇرسىمىز ئالدىنقى كۇرسلىرىمىزدىن بىرئاز پەرقلىق شەكىلدە بولدى، تېمىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ پەرقلىق بولدى. بۇ قېتىمقى كۇرسىمىزدا دۆلەت ۋە لوبىچىلىق ھەرىكىتى، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى بىلەن بىرلىكتە ياقۇپبەگ بەدۆلەتنىڭ رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ خىتاينىڭ يەر شارى رىقابەت ئىستراتېگىيەسى قانداق بولىدۇ؟ دېگەندەك تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا لېكسىيەلەر بولدى. بۇ لېكسىيەلەرگە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ناھايىتى ياخشى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قىزىقىشى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ».