ياۋروپا ۋە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.01.24
yawropa-firansiye-parlament-ezaliri-48-uyghur ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە فىرانسىيە پارلامېنتى ئەزالىرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدىن دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2025-يىلى 24-يانۋار، پارىژ.
RFA/Hebibulla Izchi

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى جىددىيلەشتۈرگەنىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ھەر خىل شەكىلدە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ 48 ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا پارلامېنتى، ب د ت قاتارلىق ئورگانلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا چاقىرىقلاردا بولغانىدى.

بۈگۈن، يەنى، 24-يانۋار كۈنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىدىن رافئېل گلۈكىسمەن، بېرنارد گوتتا، فىرانسىيە پارلامېنتى ئەزالىرىدىن ئېممانۇئېل گرىگورى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى رافائېل لۆلۆ قاتارلىقلار پارىژدىكى ۋولتارىيە خاتىرە سارىيىدا بايانات ئېلان قىلىپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلدى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدىن دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى.

بۇ بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رافائېل گلۈكسمەن سۆز قىلىپ، بۇ 48 ئۇيغۇرنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن ھېچقانچە بىر سان ئەمەسلىكىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رافائېل گلۈكسمەن سۆز قىلماقتا. 2025-يىلى 24-يانۋار، پارىژ.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رافائېل گلۈكسمەن سۆز قىلماقتا. 2025-يىلى 24-يانۋار، پارىژ.
RFA/Hebibulla Izchi

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ياۋروپانىڭ بۇ مۇساپىرلارنى قارشى ئېلىشىنى، فىرانسىيەنىڭمۇ بۇنىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ مۇساپىرلارنى قارشى ئالىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىدىن قورقمايمىز. بۇ ھەرىكەت ھازىر قوللىنىلىشى كېرەك. تايلاندمۇ چوقۇم بۇ مەسىلىدە 2 دىن بىرىنى تاللىشى كېرەك: ياۋروپا بىرلەشمىسىمۇ ياكى خىتايمۇ؟. بىز ئېلىپ بارالايدىغان ئىشلار شۇلاردىن ئىبارەت؛1. تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش، تايلاند ياۋروپا بىلەن ھەمكارلىقى بار دۆلەت. ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلىكتە بۇ مەسىلىگە كۈچەش ۋە تايلاندنى بۇ مەھبۇسلارنى ئۆلۈمگە يوللاشتىن توسۇش كېرەك. 2. جامائەتنى سەپەرۋەر قىلىش: جامائەتچىلىكنى ئويغىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى تايلاند ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش ھەمدە بۇ قايتۇرۇشنىڭ تايلاندنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تونۇتۇش لازىم. 3. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇلىيىتى: بىز يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدە بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، مەھبۇسلارنى ئۆزىمىزنىڭ مەركەزلەشكەن جايلىرىغا قوبۇل قىلىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. بۇ ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت مەسىلىسىدۇر. ياۋروپا ھېچقانداق ۋاقىتتا بۇنداق زۇلۇمغا ئورتاق بولماسلىقى كېرەك».

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بېرنارد گوتتا سۆز قىلماقتا. 2025-يىلى 24-يانۋار، پارىژ.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بېرنارد گوتتا سۆز قىلماقتا. 2025-يىلى 24-يانۋار، پارىژ.
RFA/Hebibulla Izchi

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بېرنارد گوتتامۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە؛ «ئۇلار ئاددىيلا ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي سىياسىي مۇساپىرلار. بۇ مەسىلىدە چوقۇم كۈرەش قىلىشقا تېگىشلىك، بۇ مۇشۇ 48 ئادەمدىن باشلىنىشى كېرەك. بىز كۆچمەنلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىكنىڭ مۇقەددەس قىممەت قارىشى ئۈچۈنمۇ يېتەكچىلىك قىلىشمىز كېرەك»

دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە يەنە، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى رافائېل لۆ لۆنىڭ ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ ئۇيغۇرلارنى پارىژغا يەرلەشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

رافائېل گلۈكسمەن بۇ بايانات ئېلان قىلىش يىغىندا يەنە: «بىز بۇ يەرگە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ۋە تايلاند زىندانلىرىدا 11 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 مەھبۇس ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق. ئۇلارنىڭ يېگانە ‹جىنايىتى› بولسا، لاگېرلاردىن، زۇلۇمدىن يىراق، بىخەتەر شەرت-شارائىتتا ياشاش ئارزۇسىدىن ئىبارەت. 11 يىلدىن بېرى ئۇلار غايەت زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، ئۇلارنىڭ ھاياتى تايلاند زىندانلىرىدا ئەركىنلىك ئارزۇسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش بىلەن ئۆتمەكتە. بۇندىن بۇرۇن تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 109 مەھبۇسنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق ئەمەس» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.