ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ خىكۋىزيون شىركىتىنىڭ كامېرالىرىنى زاكاس قىلغانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.01.04
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ خىكۋىزيون شىركىتىنىڭ كامېرالىرىنى زاكاس قىلغانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى ھىكۋىسيون شىركىتىنىڭ كامېراسىنىڭ يېنىغا ئېسىلغان خىتاي بايرىقى. 2019-يىلى 8-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھەسسىسى بولغان خىكۋىزيوننىڭ كامېرالىرىنى ئىشلەتكەنلىكى تەنقىدكە دۇچ كەلگەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىقتىساد ھەپتىلىكى» گېزىتىنىڭ 3-يانۋاردا ئېلان قىلغان «ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي شىركىتىگە زاكاس بەرگەن» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2020-يىلى 5-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى فرانسىيەنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت شىركىتى بولغان «ۋېيولىيا» ناملىق شىركەتتىن 350 مىڭ ياۋرولىق «ئىسسىق كامىرا» زاكاس قىلغان. «ۋېيولىيا» شىركىتى بۇ زاكاسنى ئۆزىنىڭ بىريۇسسېلدىكى تارماق ئورگىنىغا ھاۋالە قىلغان. بىريۇسسېلدىكى تارماق شىركەت بولسا بۇ «ئىسسىق كامېرا» لارنى خىتاينىڭ خىكۋىزيون شىركىتىدىن سېتىۋېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تاپشۇرغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر «ئىسسىق كامىرا» لارنىڭ كىشىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھەلەنگەن بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتچىلەرنىڭ سەھىيە بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىنالىرىغا ئورنىتىلغان. بىراق ھازىر بۇ كامېرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتا زور ھەسسىسى بولغان ھىكۋىزيون شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ۋە بۇ ئىش پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «كورونا ۋىرۇسى زامانىدا پارلامېنتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىر سودا گورۇھى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنى ئورناتتى. بۇ ئۈسكۈنىلەر ھەقىقەتەنمۇ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. قارىغاندا، قۇرۇلمىمىزنىڭ مالىيە سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ.»

خەۋەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سۋېن خانغا يازغان خېتى مىسال قىلىنىدۇ ۋە ساسسولىنىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى دەرھال قايتۇرىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش بۇيرۇقى بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، نورۋېگىيەدىكى بىر فوندى جەمئىيىتى 2017-يىلى ھىكۋىزيون شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 پارچە توختامىغا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ توختامنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 1 مىليارد 860 مىليون يۇەن (235 مىليون ياۋرو) گە يەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. ھىكۋىزيون شىركىتىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ 40 پىرسەنتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەئەللۇق ئىكەن. 2016-يىلى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىمۇ بۇ خىل كامېرالارنى ئۇقۇشماستىن سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەن ۋە بىرقانچە ئايدىن كېيىنلا دەرھال ئېلىپ تاشلىغان. 2019-يىلى ئامېرىكا خىتاينىڭ ھىكۋىزيون شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارغا زور ھەسسە قوشقان خىتاينىڭ ھىكۋىزيون شىركىتىگە قارشى نىدالار نورۋېگىيەدە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھىكۋىزيون شىركىتىگە مەبلەغ سالغان نورۋېگىيە نېفت فوندى ئاخىرقى بىرقانچە يىلدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئاخىرى 2020-يىلى مەبلەغلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.

«ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي شىركىتىگە زاكاس بەرگەن» ناملىق خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مىلاد بايرىمىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا قارشى بىر قارار قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، 2019-يىلى 7-ئايدىن 2020-يىلى 7-ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ يېڭىدىن يەنە 61 لاگېرنى قۇرۇپ چىققانلىقى، كامېرا ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئومۇمىي نازارەتنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئالاقىدار بولۇپ قالغان خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دېگىتال كامېرا شىركىتى ھېسابلىنىدىغان ھىكۋىزيون شىركىتىنىڭ ئوبرازى سۇنۇپ، بارغانسىرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. بۇ شىركەتنىڭ يەنە «ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قارا تىزىملىكى» گە كىرىپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن.

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھەسسىسى بولغان خىتاينىڭ ھىكۋىزيون شىركىتىنىڭ كامېرالىرىنى ئىشلەتكەنلىك مەسىلىسىگە قارىتا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.