ۋېنادا چاقىرىلغان «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2020.02.21
19-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋېنا شەھىرىدە «ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ 19-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا بولغان 57 دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاسىيە ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىن دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئادۋوكاتلار، دېپلوماتلار ھەم مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 2019-يىلى پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا چاقىرىلغان يىغىنىغىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» 1973-يىلى فىنلاندىيە پايتەختى خېلسېنكىدا قۇرۇلغان. 1995-يىلى كۆلىمى كېڭىيىپ ئامېرىكا، كانادا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمدە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوشۇلۇپ ئەزا بولغان دۆلەت سانى 57 گە يەتكەن خەلقئارالىق زور تەشكىلاتقا ئايلانغان. بۇ تەشكىلاتقا يۇقىرىقى 57 دۆلەتتىن ئەزا بولغان پارلامېنت خادىملىرىنىڭ سانى ھازىر 323 كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىنلىرى «پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىلىشى» خاراكتېرىنى ئالغان.
20-فېۋرال كۈنى «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» 19-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ تەركىبىدە «سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىندا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان.
بۇ يىغىنغا 2009-يىلى پولشادا قۇرۇلغان، ھازىر مەركىزى ئورنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسېلدا بولغان «ئوچۇق دىيالوگ فوندى جەمئىيىتى» رىياسەتچىلىك قىلغان. مەزكۇر جەمئىيەت 2018-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋەكىل تۇرغۇزۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى رەئىسى ليۇدمىلا كوزلاۋىسكانىڭ ۋېنادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىمقى «سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش» يىغىنىدا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.
ليۇدمىلا كوزلوۋىسكا سۆزىدە ۋېنادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دوكلات تەقدىم قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز قاماپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىنى دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بۇ يىغىندا تۇنجى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋېنادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ھەم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە تەپسىلىي ئاڭلىتىشنىڭ ياخشى بىر پۇرسىتى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ نۇتۇقىدا دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە «ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ھەرقايسىي دۆلەتلەردە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىشىنى، خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ يىغىندا يەنە قازاقىستاننىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا بوتاگوز جاردىمالى، ئىتالىيەنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئانتونىيو ستاڭو، رۇسسىيە توغرىسىدا داريا ئەل-جەد، تۈركىيە توغرىسىدا جۇشكۇن يورۇلماز قاتارلىق كىشىلەرمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«ئوچۇق دىيالوگ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ليۇدمىلا كوزلوۋىسكانىڭ بىلدۈرىشىھچە، مەزكۇر جەمئىيەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولغان. بۇ جەمئىيەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەم ئىنسانىيەتسىز قىلماشلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا يەتكۈزۈش، چارە-تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلىش، بېسىم ئىشلىتىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى ياخشى بىر باشلىنىش بولغان.