سېرېنا ئوبېرستېين: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى› ئىستىمالچىلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم»

0:00 / 0:00

دۇنيا مىقياسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان تەشكىلاتلاردىن دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى (JWW) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانىدى. مەزكۇر تەشكىلات بايدېن ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كۈنىنىڭ ئەتىسى يەنى 22-ئىيۇن كۈنى شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغان بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى تەييارلاپ ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىنىشىغا سۇنغان.

دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېتىدىكى مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇلار بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» دەپ ئاتىغان. بۇ ئامباردا ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىركەتلەردىن جەمئىي 800 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئىستېمالچىلار دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ئۇلىنىشىغا كېرىپ، ئۆزلىرى تەكشۈرمەكچى بولغان شىركەتنىڭ ئىسىمنى ئىزدەش كۆزنىكىگە كىرگۈزسە مەزكۇر سانلىق ئامبار ئاشۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىگە ئائىت تەپسلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەزكۇر سانلىق ئامبار ھەققىدە دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سېرېنا ئوبېرستېين خانىم(Serena Oberstein) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نىڭ يەرشارىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم قورالى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ خىل سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق سىز ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق خەۋەردار تۇرۇپمۇ توختاتمىغانلىقىنى ۋە ئاشۇ جىنايەتكە تەڭ شېرىك بولۇشنى تاللىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. مېنىڭچە بۇ كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ۋە شۇنداقلا نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا چېتىلىدۇ».

سېرېنا ئوبېرستېين خانىم دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى 22-ئىيۇن كۈنى يەنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكانى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تولۇق ئىجرا قىلىشقا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغانلقىنى تەكىتلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادامۇ ئامېرىكىنىڭ ئەندىزىسىنى قوللىنىش قەدىمىنى باسقان.

سېرېنا ئوبېرستېين خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ھەر دائىم ئىنسانلارنى پايدا-مەنپەئەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش كېرەك، دەپ قارايمىز. مېنىڭچە شەك-شۈبھىسىزكى شۇنداق بولۇشى كېرەك. مەن شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىمدا ئۇلار خىتايدىكى بازىرىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. بۇ خىل پايدا-مەنپەئەتنى ئىنساننىڭ ھاياتىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش خاھىشى ناھايىتى قورقۇنچلۇق. ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئەمگەك لاگېرلارغا سولانغان مىليونلىغان كىشىلەر، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مىليونلىغان بالىلار قانداق قىلىدۇ؟ بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز ئاشۇ كىشىلەر. ھەممىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتىمىز-ئىنسانىيلىق بولۇشى كېرەك. شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تامامەن مەجبۇرىي ئەمگەكسىز رايونلارغا يۆتكىيەلەيدۇ. شىركەتلەر چوقۇم پايدا-مەنپەئەتتىن ئىنساننى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش كېرەك.»

لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلزىرە ئاۋۇلقان رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئارۇز دېھقانچىلىق مەيداندىكى پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىش مەيدانىغا تۇرۇشلۇق ياتىقىدىن ئاپتوبۇستا ئاپىرىلىپ-ئەكېلىنگەنلىكى ۋە ئىشتىن چۈشكەندە سىياسىي ئۆگىنىش ۋە ساقچىلارنىڭ سوراقلىرىنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.

سېرېنا ئوبېرستېين خانىم ئاخىرىدا مەزكۇر سانلىق ئامبىرىنى كىشىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئىستېمالچىلار بايقىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق باشقا شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى بولسا دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىشنى قارشى ئالىدىغانلىقنى بىلدۈردى.