ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شەھرىزاد تەييارلىدى
2024.02.20
adamis-ramazan-07

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-09

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-01

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-02

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-03

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-04

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-05

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-06

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-08

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-10

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-11

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-12

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

adamis-ramazan-13

ئادامس (ADAMS) يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 17-فېۋرال، فايرفاكس RFA/Shehrizad

ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەشكىلاتى- «ئادامس مەركىزى» (ADAMS Center) ساھىبخانىلىق قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئادامس يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتى 2024-يىلى 17-فېۋرال شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر نامايان قىلىندى. بۇ پائالىيەتتە ۋىرجىنىيە ۋە ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى جەم بولۇپ، رامىزان روھىنى تەبرىكلەپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى كۆرسەتتى.

مەزكۇر پائالىيەتلەر كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قونچاق كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرى ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلار كۆپچىلىكنى چوڭقۇر ھاياجان ۋە خۇشاللىق ئىچىگە چۆمدۈردى. پائالىيەت قاتناشچىلىرى يەنە زامانىۋىلاشقان رامىزان بازىرىدىكى ئۆزگىچە ئۆي بېزەكلىرى، كىيىم-كېچەك، ئىسلامى كىتابلار ۋە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەردىنمۇ ھۇزۇر ئالدى. ھەر خىل يېمەكلىك ۋە تاتلىق تۈرۈملەر بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى رامىزاننىڭ باي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە خۇشاللىقىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈردى.

بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ۋىرجىنىيەدىكى «مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئانا تىل مەكتىپى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بۇ پائالىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى ۋە داڭلىق تائاملار بىلەن ئۇيغۇر كىملىكىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ پائالىيەتتە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە «مېھرىبان ئانا» مەكتىپى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى يوقاتقان ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى ۋە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشى چەكلەنگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدىغان تەسىرلىك سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا شۇ رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇ پائالىيەت، قاتناشقۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بوغۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

بۇ قېتىملىق ئادامس مەركىزىنىڭ بالىلار رامىزان پائالىيىتىدە، «مېھرىبان ئانا» (Ana Care) مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى جانلىق ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئارقىلىق تالانتىنى نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ پائالىيەتتە گۆدەك ئۇيغۇر بالىلىرى يەنە پاراتقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار گۈزەل ئۇيغۇر كىيىملىرىنى ۋە چىمەن دوپپىلىرىنى كىيىپ، قوللىرىدا ھەر تۈرلۈك مۇزىكا ئەسۋابلىرى، مەدەنىي مىراس بۇيۇملىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق كىتابلىرىنى كۆتۈرۈپ ھەم شەرقىي تۈركىستان كۆك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. بۇ پائالىيەت جەريانىدا يەنە، ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ساڭزا، سامسا ۋە باشقىلار ھەقسىز تارقىتىلدى.

بىز بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەلفىدار خانىم خىتاينىڭ ئېغىر چەكلىمىلىرىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇقەددەس ئاينى ئەركىن-ئازادە كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئادامس يەر شارى بالىلار رامىزان پائالىيىتىگە ئوخشاش پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا رامىزان مەزگىلىدە مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش ھەم ئىپادىلەش ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بېرىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز يەنە بۇ پائالىيەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان بىر قانچە ئۇيغۇر ياشنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ بىرى ۋاشىنگتوندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى ئاسىنا ئىزگىل ۋە ۋىرجىنىيەدە تۇرۇشلۇق ياش دىنىي زات ئەنقەر ھاجى بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ قېتىملىق رامىزان پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.