«مىراس» يىپەك يولى ئانسامبىلى شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن
2024.11.25
ئەنگىلىيەدىكى «مىراس» يىپەك يولى ئانسامبىلى سەنئەتكارلىرىنىڭ غەيرىتى بىلەن ياۋروپادىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان «ئالتە شەھەر پروجېكتى» پائالىيىتى رەسمىي باشلانغان. بۇ پائالىيەت 22-نويابىر تۇنجى قېتىم شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھرىدە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە شىۋېت تەتقىقاتچىلىرىدىن پاترىك خەلزون ئەپەندى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، سۆزىنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىسى» دىن باشلىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىم، قوليازما، كىتابلارنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. لوندوندىن كەلگەن تەتقىقاتچى راچىل ھاررىسمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتكەن.
ئەنگىلىيەدىكى «مىراس» يىپەك يولى ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سىتوكھولمدىكى پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا كېلىپ، 24-نويابىر كۈنى ئوسلودا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن خانىم، بۇ پائالىيەت ھەققىدە توختالغاندا، «مىراس» يىپەك يولى ئانسامبىلى سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. «مىراس» يىپەك يولى ئانسامبىلىنىڭ سەنئەتكارلىرىدىن مۆمىنجان ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يات مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.