زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ئائىلىسى تەرىپىدىن دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.08.14
zinnetgul-we-2-balisi.jpg زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىقامەت كىنىشكىسى ۋە ئىككى پەرزەنتى.
Social Media

تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىزمىردىكى بىر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ قالغان 5 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى زىننەتگۈل ئىسىملىك بىرسىنىڭ تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ھەدىسى زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ئانىسىنىڭ بېقىشىغا بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغان ئايالنىڭ زىننەتگۈل تۇرسۇن ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى زىننەت تۇرسۇن دەۋالغان رەخىمە ئەخمەتوۋا ئىسىملىك تاجىك پۇقراسى ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ۋەقە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن قانچىلىك بىخەتەر جاي ئىكەنلىكى زور سوئال پەيدا قىلغان ئىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قولىغا تاجىكىستان ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ پاسپورتى تۇتقۇزۇلۇپ، شۇ دۆلەت ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. 

بىز 13‏-ئاۋغۇست كۈنى زىننەتگۈل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتۇرۇلغان قالغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاش جەريانىدا زىننەتگۈل ۋە ئۇنىڭ بالىسىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشتۇق. زىننەتگۈلنىڭ غۇلجىغا قاراشلىق سۈيدۆڭ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئانىسى روشەنگۈل ياسىن مۇخبىرىمىزغا زىننەتگۈلنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى، ئۇنىڭ 4 ياشلىق قىزى سەھىنۇر بىلەن بىر يېرىم ياشلىق كىچىك قىزى سەبىھەنىڭ ئۇنىڭ بېقىشىغا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر زىننەتگۈلنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. 

روشەنگۈل ياسىن: «بالىلىرىنى مەن بېقىۋاتىمەن. ياق، قىزىم بىلەن كۆرۈشمىدىم. ئۇلار كېلىپ نېمە دەيدىكىن، دەپ شۇ يەردىن چاقىرمىغۇچە تەلەپ قىلمىدىم. يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرى كېلىپ كۆرۈشتى. لېكىن (قىزىمنىڭ) نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى دېمىدى. ئىككى بالىنى قانچىنچى چېسلا ئەكەلگىنى تازا ئېسىمدە يوق. مېنىڭمۇ تازا ئۆزۈمنىڭ مىجەزىم يوق. قاچان ئەكېلىپ بەردىكىن، ئەمدى پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئىككى نەۋرەمنى ئەكېلىپ بەردى، قىزىمنى ئەكەلدى. 

مۇخبىر: بالىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىكەن؟ 

روشەنگۈل ياسىن: «ياخشى ھازىر، دادۈينىڭ ئاپىرىپ داۋالىتىپ، نەۋرىلەر شۇنداق ياخشى. جاراھەت چىقىپ كېتىپتىكەن، مۇشۇ دادۈينىڭ داۋالىتىپ، كېتىپ بارىمەنغۇ، ئىككى نەۋرەم بىلەن. شۇ قىزىم ئامان بولسا باللىرىنى ئۆزى باقسا، شۇنى تىلەپ ئولتۇردۇمغۇ. 

قالغان بالىلىرىڭىزچۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ 

روشەنگۈل ياسىن: بىر ئوغلۇم مەكتەپتە شۇ. بىر ئوغلۇم باردى شۇ. 31، 32 گە كىردىممۇ ئىشقىلىپ، شۇ قىزنىڭ چوڭى ئىدى. ئۆيلەنمىگەن تېخى، ئوغلۇمنىمۇ شۇ يەردە تەربىيىلەپ ھازىر ياخشى ئادەم بولۇپ، كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بايراملىق كۆرۈشتۇق. 15 كۈندە بىر كۆرۈشۈۋاتىمىز. پارتىيەگە رەھمەت دەيمەن. ھازىر شۇنداق ياخشى بالام. تاماقلىرىمۇ ياخشىكەن. ئاغرىپ قاپتىكەن داۋالىتىۋېتىپتۇ. مۇشۇ (سۈيدۆڭدىكى) ماي ئىسكىلات تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ. مېنىڭ ئىككى قىزىم بىر ئوغلۇم بار ئىدى. 

مۇخبىر: زىننەتگۈل قايتۇرۇپ كېلىنگەندە يەرلىك ئورگانلار بىر نەرسە دېمىدىمۇ سىزگە، نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە؟ 

روشەنگۈل: دادۈيدىكىلەر كېلىپ خەۋەر يەتكۈزۈپ قىلدى. قىزىڭىزنى ئەكەلدۇق، بالىلارنىڭ مىجەزى يوق دېدى. لېكىن نەدە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن. بالىلارنى داۋالاتقىلى ئەكەلدۇق، دېدى. ئەمما زىننەتگۈلنىڭ گېپىنى قىلمىدى. نەدىلىكىنى بىلمەيمەن. ئەڭ ياخشىسى بالىلارنى ماڭا تىنچ ئامان تاپشۇردى. مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ تازا مىجەزىم يوق، نېمە بولدۇمكى، يۈرىكىم تازا ياخشى ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بالىلاردىن ئېشىنالماي دوختۇرغىمۇ تەكشۈرتەلمىدىم. بالىلارنىڭ چوڭى 4 كە كىرىپتۇ، كىچىكى تېخى بىر يېرىم ياشتاكەنغۇ. 

نۆۋەتتە زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ مەزكۇر ئائىلىدىكى بىردىن بىر تۇتقۇن ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قەيت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ سۈيدۆڭ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاز دېگەندە 10 دەك ئائىلە ئەزاسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ھەدىسى جەننەتگۈل تۇرسۇن 13‏-ئاۋغۇست كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ئەر كىشى قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

رادىئومىز مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاش جەريانىدا شۇ قېتىم تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ يالغۇز زىننەتگۈل ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 5 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. بۇ 5 كىشىنىڭ بىر نەپىرىنىڭ ئەركەك، 4 نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. رادىئومىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇۋانخان ھەمزە ئىسىملىك قەشقەر يەركەنتلىك ئايالنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ چىققان. قۇۋانخان ھەمزىنىڭ تۈركىيەدىكى ئوغلى ئانىسىنىڭ تاجىكىستانغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ تاجىكىستانغا بارغاندىن كېيىنكى ئاقىۋىتىنى دەلىللىيەلمىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.