Zoom شىركىتىنىڭ بىر خادىمى خىتاينىڭ بۇيرۇقى بىلەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدىكى تور يىغىنلىرىغا كاشىلا پەيدا قىلغان

ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، زۇم (ZOOM) شىركىتىنىڭ بىر ئىجرائىيە ئەمەلدارى خىتاينىڭ بۇيرۇقى بىلەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدىكى تور يىغىنلىرىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىلىق ئابۇنتلارنىڭ ھېساباتلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان.

ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، زۇم شىركىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىجرائىيە ئەمەلدارى شىنجاڭ جىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھېساباتىنى ئويدۇرما سەۋەبلەر بىلەن توختىتىۋەتكەچكە زۇم ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تېررورلۇققا ئائىت ياكى ناشايان رەسىملەرنى ئىشلىتىپ ساختا ئىسىم بىلەن ۋىدىيو يىغىنىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن «يىغىننىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى دوكلات قىلىش ئارقىلىق يىغىننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نيۇ-يوركتىكى بىر تارمىقى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ ھەقتىكى شىكايەتكە قارىغاندا، شىنجاڭ جىن خىتاي ج خ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ يىل ماي ۋە ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ياكى پىلان قىلىنغان تۆت قېتىملىق تور يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان.

تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ جىننىڭ يەنە بىر ئىسمى جۇلىئېن جىن بولۇپ، زۇم شىركىتى جۈمە كۈنى ئۇنىڭ شىركەت خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.

زۇم شىركىتى ئەسلى خىتايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۈەن جېڭ ياكى ئېرىك يۈەن دەپ ئېتىلىدىغان بىر كومپيۇتېر ئىنژېنېرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. شىركەتنىڭ باش شتابى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان خوسېدا بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايدا نەچچە يۈز خىزمەتچىسى بار ئىكەن.

ئەگەر شىنجاڭ جىنغا ئارتىلغان جىنايەتلەر دەلىللەنگەن تەقدىردە ئۇنىڭغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، جىن نۆۋەتتە خىتايدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىپ جازالاش قېيىن ئىكەن.