0:00 / 0:00
قەدىردان دوستلار! ئەمىسە ئالدى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ھىلال قەلەمگە ئالغان: «5 - فېۋرال» ناملىق ماقالىسى ھۇزۇرۇڭلاردا بولسۇن!
ئەزىز دوستلار! «5 - فېۋرال ۋەقەسى»دە نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، بىگۇناھ ياشلار، مەسۇم قىزلار، قەدىردان ئاتا - ئانىلار، ھەتتا بىغۇبار ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ شۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ تالاپىتىگە دۇچار بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان، تۈرمىگە تاشلانغان ياشلارنىڭ سانى بىزگە مەلۇم ئەمەس. تۆۋەندىكى نەسىردە ئەنە شۇ كۈنلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئېغىر روھى ئازابتىن نەچچە ئايلارغىچە ئۆزىنىڭ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ يۈرگەنلەرنىڭ ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن «5 - فېۋرال مەرسىيىسى» ناملىق نەسىرگە قۇلاق سالغايسىلەر!