يىغلىما ئانا
( 5 - ئىيۇل قەھرىمانلىرى تىلىدىن )
مەردان شىئېرى
سىردىشىم، مۇڭدۇشۇم مىھرىبان ئانا
تۈرمىدىن يوللۇدۇم سالام مەن ساڭا.
ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈكى قان تۆكمەي كەلمەس.
رازى بول بالاڭدىن يىغلىما ئانا
ياۋۇزلار قولۇمغا جۈپ كويزاسالسا
ئالدىڭدا دۈكۈشلەپ ئتتىرىپ ماڭسا
مەغرۇرتۇر تۆكمە ياش ئەگمە بېشىڭنى
پەخىرلەن ئوغلۇڭدىن يىغلىما ئانا
بەدەنگە توقماقلار تەگسە ئۇرۇلۇپ
پۇتۇمنى كىشەنلەپ سەپ قويساقۇلۇپ
ئەپ ماڭسائالدىڭدىن ساڭا كۆرسۈتۈپ
ياۋلارغا يالۋۇرۇپ يىغلىما ئانا
دۈشمەننىڭ قولىدا چىقسىمۇ جىنىم
سەل بولۇپ سۈپسۈزۈك ئاقسىمۇ قىنىم
ياۋۇزلار ئالدىدا ئىگىلمەس بېشىم
ھەسىرەتتە بالاڭغا يىغلىما ئانا
ھۆرلۈك دەپ تۇغۇلدۇق يانمايمىز ھەرگىز
يۈرەكتە خەلقىمنىڭ بۇيرىقى پەرىز
شۇڭلاشقا تاللىدۇق ئەرك يولىنى
ھەرگىزمۇ زارلىنىپ يىغلىما ئانا
دۈشمەننىڭ توخمىقى تەگسە بىشىمغا
ئىتلىرى خىرىس قىلىپ كەلسە قىشىمغا
ئىچىنىپ سەن مىنىڭ ئۇشبۇ ھالىمغا
ئاھ بالام دەپ ھەرگىز يىغلىما ئانا
سەبىرقىل جان ئانا سەبىرنى دوس تۇت
ئويلىساڭ بالاڭنى ئېلىڭنى دوس تۇت
بىزگىمۇ بىر كۈنى تاڭلار ئاتىدۇ
مەردانە بول مەڭگۈ يىغلىما ئانا
رازى بول بالاڭدىن خەلقىممۇ رازى
ئوغلۇڭمەن ئەل ئۈچۈن جان بەرسەم رازى
تاپىنىڭ ئاستىدا بالاڭنىڭ جەننىتى
رازىلىق بەر ماڭا يىغلىما ئانا
0:00 / 0:00