1969 - يىلى ئىلى دەرياسى بويىدىكى غۇلجا شەھىرىدە ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابابەكرى قاسىم ئاتا - ئانىسىنىڭ ئامراق ئوغلى ئىدى. شۇ يىللاردا ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا - ئانىسى باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قىسمىتىگە ئوخشاشلا قىزىل رېجىمنىڭ قۇربانى بولۇپ يىراق يېزىلارغا ئەمگەك تەربىيىسى ئېلىشقا چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. بىرقانچە يىللىق سۈرگۈندىن كېيىن ئابابەكرىنىڭ دادىسى ھەر تەرەپكە چېپىپ ئاخىرى ئائىلىسىنى ئېلىپ غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇششاق بالىلىرى بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكلىرىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ ئائىلە غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپمۇ بېلىنى رۇسلىيالمايدۇ. تۆۋەن مائاش، ئېغىر ئەمگەك ۋە ناچار خىزمەت مۇھىتى ھەر قەدەمدە ئابابەكرى قاسىمنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ھالسىرىتىدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشقان ئاتا - ئانا رەھىمسىز رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسىدا بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئويلىغان ياش ئابابەكرى تولۇقسىز ئورتا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا تېرە زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
1980 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا خىتايدا بازار ئىگىلىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت - كارخانىلار كرىزىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىلى تېرە زاۋۇتى ۋەيران بولۇپ، ئىشچىلىرى ئىشسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. 1991 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە ئىلى ۋىلايىتى بىلەن يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئورتا ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا سودا - تىجارەت گۈللىنىدۇ. ئابابەكرى قاسىممۇ بۇ پۇرسەتتە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، لېكىن بۇ سودىمۇ ئۇزاققا بارمايلا خىتايلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ.
1997 - يىلى 5 - فېۋرالدا غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغان نامايىشى قانلىق رەۋىشتە باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى بىراقلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋەقە ياش ئابابەكرىنىڭ ھاياتىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. 5 - فېۋرال قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ پائالىيەتلىرى» گە قاتناشقان دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىپ قىيىن - قىستاققا تارتىدۇ. خىتاي تۈرمىلىرىدە ئېغىر ئازاب چەككەن ئابابەكرى ئەنە ئاشۇ كۈنلەردە ئۆز خەلقى ۋە ئانا تۇپرىقى دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. تۈرمە ھاياتى ئۇنى تاۋلايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ قىسمىتىنى قاتمۇ - قات توسۇقلار بىلەن تاشقى دۇنيادىن پىنھان قالدۇرۇلغان ئاشۇ قانلىق روجەكلەردىن قايتا تونۇيدۇ…
0:00 / 0:00