1-بۆلۈم: ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى. كۈتۈلمىگەن بۇ مۇسىبەت خەۋىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يۈرەكلىرىنى ئۆرتىدى. بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى ئېغىر مۇسىبەتكە چۆمدۈردى.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قازا قىلغاندا تېخى ئەمدىلا 53 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ كۈرەش يولى، غايىسى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە يىراقتىكى ۋەتىنى ھەققىدىكى خىياللىرى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى.
ئۇ، مۇنقەرز ۋەتىنىدە ھۆرلۈك قۇياشىنىڭ ھامان بىر كۈنى پارلايدىغانلىقىغا، ئاسارەتتىكى خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ ھامان بىر كۈنى رېئاللىشىدىغانلىقىغا، تۈرلۈك-تۈمەن مەزھەپ ۋە ئېقىملارنىڭ توقۇنۇشلىرى ئىچىدە قالغان ۋەتەنداشلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئىسلام روھىغا ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ مۆتىدىل بولغان بىر يولنى تاپالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى…
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپاتىدىن 10 ئاي ئىلگىرى، يەنى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ كۈرەش يولى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتكەن ئىدى.
شۇ قېتىملىق يۈزمۇ-يۈز سۆھبىتىمىزدە مەرھۇم تۈركىيەدىكى، جۈملىدىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇلارنىڭ كۆچۈش تارىخى، جامائەتلىشىش ئەھۋالى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى، ئۇلارنىڭ تۈركىيە جەمئىيىتىگە ماسلىشىش ۋە ئۆزىنى ساقلاش تەقەززاسى شۇنداقلا ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتكەن ئىدى.
ئۇ شۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئىستانبۇل تۈركىيەنىڭ يۈرىكى شۇنداقلا بىر خەلقئارالىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر. نۇرغۇن كىشىلەر ئىستانبۇلنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مۇھىتى، رەڭگارەڭ كىشىلىرى، ھەممىنى ھەزىم قىلالايدىغان ھەم ئەنئەنىۋى ھەم ئېچىۋېتىلگەن روھىغا قاراپ، ئۇنى ئامېرىكىغا ئوخشىتىدۇ. ئۇيغۇر جامائىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئىستانبۇلنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى تېخىمۇ روشەن ئەكس ئېتىدۇ. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جامائىتى زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ بىر مۇھىم پارچىسىنى تەشكىل قىلىپ، بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبرازى بىلەن ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ كەلمەكتە…»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00