5-بۆلۈم: ئىستانبۇلدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلە ر
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدا سان-ساناقسىز ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر مەۋجۇت. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇيان كەشمىردىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە، ئىستانبۇلدىن ياۋروپا ساھىللىرىغىچە بولغان ئۇزاق مۇساپىرەتتە ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئاچچىق كەشمىشلىرى رىۋايەتكە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى تېخىچە ئېيتىلمىدى شۇنداقلا ئېيتىلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدى.
ئىستانبۇل ئەنە ئاشۇ ئېيتىلمىغان ھېكايىلەرنى ئۆز باغرىغا قاچىلاپ، تۈرلۈك-تۈمەن ئىنسانلارنىڭ يېڭىدىن-يېڭى ھېكايىلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بىر غايىۋى شەھەر.
ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ مۇساپىرەت كەچمىشلىرى بۇ شەھەرنىڭ ھاياتىغا خېلى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىلا رەڭ قوشقان. بولۇپمۇ زەيتىنبۇرنۇدا شەكىللەنگەن تۈركىستانلىقلار جامائىتى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ئەڭ تىپىك ۋە ئەڭ جانلىق بىر كۆرۈنۈشىنى ھاسىل قىلغان.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 2016-يىلى فېۋرال ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا زەيتىنبۇرنۇدىكى تۇرالغۇسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى، ئوي-خىياللىرى، دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە مۇرەككەپ روھىي ھالىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدى.
ئۇ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئەتراپتىكى يەرلىك تۈركلەرگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە ناھايىتى ياخشى تەسىراتلار قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى تۈرمىلەرگە كىرگەن كىشىلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ھالبۇكى، ئۇ يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى زۇلۇملىرىنىڭ كۈنسايىن ئارتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك يوللار بىلەن تۈركىيەگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بەزى جىنايى قىلمىشلارنىڭمۇ يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
«ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يېقىنقى بىرقانچە يىللار مابەينىدە روھىي ۋە پسىخىكىلىق جەھەتلەردىن زور بوھرانغا دۇچ كەلدى،» - دەيدۇ مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم: - «بۇنداق ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى 50 يىللىق مۇھاجىرەت تارىخى جەريانىدا ئەسلا يۈز بەرمىگەن ئىشلار ئىدى. گويا ھەممە جاي خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، خىتاينىڭ قولى يېتىپ بارمىغان ھېچ بىر جاي قالمىغاندەك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر-بىرىدىن گۇمانسىرايدىغان، شۈبھىلىنىدىغان، بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان پاسسىپ پسىخىكىلىق كەيپىياتقا پېتىپ قالدى. بىز بۇ يەردىكى جامائەتنىڭ بىر ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئەھۋاللارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدۇق.»
«بۇنىڭ تۈپ سەۋەبىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق تەقىب سىياسىتى بىلەن چەتئەللەردە قۇرغان جاسۇسلۇق تورى پەيدا قىلغان ۋەھىمىدىن ئىزدەش كېرەك، » - دەيدۇ ئۇ زىيارىتىمىز ئەسناسىدا: - «ھالبۇكى، بەزى سەۋەبلەرنى يەنە ئۆزىمىزدىنمۇ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللىق خىتاينىڭ ئاسارىتى تۈپەيلى بىر تەرەپتىن توغرا ۋە مۇستەھكەم بولغان ئىسلامىي ئېتىقادتىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي روھ ۋە مىللىي ئىرادىدىن يىراقلىشىپ كەتتى. ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە مىللىي ئىرادىسىدىن ۋاز كەچسە، ئۇ مىللەتنى يۆلەپ تۇرىدىغان ئىككىنچى بىر كۈچ قالمايدۇ. بۇ جەھەتتىن بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا قارىتا ھەر ئىككى تەرەپتىكى تەربىيەنى كۈچەيتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.»
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم يەنە شۇ قېتىملىق زىيارىتىمىز جەريانىدا كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدىكى، جۈملىدىن ئىستانبۇلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە جىددىي قارىيالمىغانلىقى، بالىلىرىنى تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا مۇنتىزىم تەربىيەلەش ئىشىغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم-ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دۆلەت مائارىپ سىستېمىسىدا تەربىيەلەشنى ئەمەس، بەلكى ئايرىم دىنىي گۇرۇپپىلار ۋە شەخسلەرنىڭ قولىدا تەربىيەلەش يولىنى تاللىغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
«بىز مەيلى قايسى ئەلدە ياكى قانداق سىستېمىدا ياشىمايلى، پەرزەنتلىرىمىز ئالدى بىلەن شۇ ئەل ياكى سىستېمىنىڭ ئاساسىي مائارىپ مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى، شۇ ئەل ياكى خەلقنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، قانۇن-تۈزۈمى ۋە سىستېمىسىنى پىششىق بىلىشى شەرت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز تىلىمىز، كىملىكىمىز، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ساقلىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز تېخىمۇ زور بىر مەسئۇلىيەت. بۇ ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇپ ياشىشىدىكى ئەڭ ئەقەللىي بۇرچىدۇر،» - دېگەن ئىدى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 2016-يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00