ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (6)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.05.22
abdulhekim-mexsum-yighinda.jpg مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى مارت، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

6-بۆلۈم: ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرنىڭ تىنىقى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي توپلۇقلىرى ئىچىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى سان ۋە كۆلەم جەھەتتىن مۇئەييەن كەڭلىك ھاسىل قىلغان. ئىستانبۇل كونا شەھىرىنىڭ تار سوقاقلىرىدىن زەيتىنبۇرنۇ كوچىلىرىغىچە، ئاقساراينىڭ قايناملىق بازارلىرىدىن سەفاكۆينىڭ گىرۋەكلىرىگىچە بولغان بۇ قەدىمىي شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى بېسىلمىغان كوچىلار يوق دېيەرلىك بولسا كېرەك.

دەرۋەقە، ئىستانبۇلنىڭ يېقىنقى بىر ئەسىرلىك تەرەققىيات مۇساپىسىدە تۈركىستان تۇپراقلىرىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ قايناق ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن تۈركىي زەبانلىق ئىنسانلار سان-ساناقسىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۈلۈشى بار. شۇنداق، ئىستانبۇلنىڭ بۈگۈنكى جانلىق ھايات كارتىنىسىدا ئۇيغۇرنىڭمۇ تىنىقى بار.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلى ئىستانبۇلدىكى تۇرالغۇسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بۇ شەھەرنىڭ ھاياتىغا قوشۇلۇپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن ئازابلىرى، كۈلكىلىرى بىلەن يىغىسى شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئوڭۇشسىزلىقلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئىدى.

ئۇ كېيىنكى يىللاردا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە كىرىزىسلار ھەققىدە توختالغىنىدا مۇنداق 4 تۈرلۈك ئەھۋالنى «سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەڭ تەخىرسىز ۋە ئەڭ جىددىي مەسىلە» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچىدىن، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېقىنلىق سەۋەبىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىش چاستوتىسى يىلدىن يىلغا تارىيىپ بارماقتا. ئىككىنچىدىن، تۈركىيەگە كەلگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ياشاش مەجبۇرىيىتى ۋە تىرىكچىلىك غېمى سەۋەبىدىن تىجارەت ۋە باشقا كەسىپلەرگە زېھنىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇش ۋە ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇش ئىشىغا كۆڭۈل قويالمىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار بىلەن يەرلىك تۈركلەر ئارىسىدا ھەر جەھەتلەردىن مەلۇم پەرقلەر ساقلانماقتا. ئۈچىنچىدىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى مەھەللىۋىي مەدرىسىلەرگە ياكى تۈرلۈك دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇپ، تۈركىيە دۆلەت مائارىپ سىستېمىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا سەل قاراپ كەلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن يەرلىك تۈرك بالىلىرى ئارىسىدا مائارىپ سەۋىيەسى جەھەتتىن ئارىلىق شەكىللەندى. تۆتىنچىدىن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تۈرك تىلى، تۈركىيە قانۇنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ سىستېمىسىنى ئۆگىنىشكە سەل قاراپ، بۇ يەردىكى مەۋجۇت سىستېمىنىڭ سىرتىدا ياشىماقتا. بۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ رېئال ۋە ئەڭ ئەمەلىي مەسىلىلەردۇر. »

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم شۇ قېتىملىق زىيارىتىمىز داۋامىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن ۋە نىكاھلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆز مىللىتىدىن نىكاھلىنىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، نىكاھ ۋە توي-تۆكۈنلەرنىڭ قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئاخىرىدا ئۇ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆلۈم-يىتىم، دەپنە ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تۇتقان ئالاھىدە جىددىي مۇئامىلىسىدۇر. ئىستانبۇلدا بىرەر ئۇيغۇر ئالەمدىن ئۆتسە، ئۇ كىشىنىڭ جىنازا نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇ يەردىكى باشقا مىللەتلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشتا ئۇيغۇرلارغا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، تەكلىپنامە يازىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس. ھەرقانداق ئۇيغۇر ئىستانبۇلدا بىرەر قېرىندىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ھەرقانچە مۇھىم ئىشى بولسىمۇ ئۇنى تاشلاپ قويۇپ چوقۇم ئۆلۈمگە كېلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتىدىكى داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئېسىل ئادەتلىرىدىن بىرىدۇر. »

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.