7-بۆلۈم: قاغىلىققا كۆمۈلگەن بالىلىق چۈشلەر
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكەنلىرى ھەققىدە كۆپ توختالمىغان ئىدى.
1980-ۋە 1990-يىللاردا ئۆز ۋەتىنىدە، ئاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتە شۇنچە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەمدە شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرگەن بۇ دىنىي ئالىم ئۆزىنىڭ شەخسىي ھاياتى ھەققىدە سۆزلەشنى ئانچە ئانچە راۋا كۆرمىگەن ئىدى. 2016-يىلى 12-ئايدا مەرھۇم 53 يېشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۆپلىگەن كىشىلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان شاگىرتلىرى «ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قانداق بىر ھاياتتا ياشىدى، ئۇنىڭ ئۆمۈر يولى قانداق كەچمىشلەردىن مەزمۇن تاپتى؟» دېگەن سوئاللارنى ئۆز-ئۆزىدىن سوراشتى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئالەمدىن كېتىپ، ئارىدىن بىر يېرىم ئۆتكەندە مەرھۇمنىڭ ئايالى مەريەمگۈل تەكلىماكان خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يولدىشىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچتى.
ئۇ يولدىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ 1963-يىلى قاغىلىقنىڭ بەشئېرىق يېزىسىدا بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى، بۇ ئائىلىنىڭ باغۋەنچىلىك ۋە قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مەرىپەتسۆيەر ئائىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھايات يولى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىمىز جەريانىدا مەرھۇمنىڭ 2016-يىلى 3-ئايدا، يەنى ۋاپات بولۇشتىن 9 ئاي ئىلگىرى ئۆز ھاياتى ھەققىدە قالدۇرغان ئۆز بايانىدىكى ئاۋاز ماتېرىيالى قولىمىزغا چۈشتى. ئۇنىڭدا مەرھۇم ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى، ئائىلە نەسەبى ۋە بالىلىق دەۋرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلار قالدۇرغان ئىدى.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇ قەدىمىي يۇرت قاغىلىقتا مەرىپەتپەرۋەر بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە كىچىكىدىن باشلاپلا ناھايىتى قويۇق بولغان مىللىي ۋە دىنىي مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن 1982-يىلى گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ ئۇ يەردىكى داڭلىق دىنىي ئالىملارنىڭ قولىدا ئىلىم ئالىدۇ. ئاندىن قاغىلىققا قايتىپ كېلىپ، ئۆز دەۋرىدىكى يېتۈك دىنىي ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى ئابلىكىمخان مەخسۇمنىڭ قولىدا ئىسلام ئىلمىي بويىچە ئالىي مەلۇمات ئالىدۇ.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 2016-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا قالدۇرغان ئاۋازلىق ئەسلىمىسىدە ئىلىم ئېلىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكەن 1980-يىللاردىكى ياشلىق ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ، شۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى ئوقۇشقا سەرپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق ھاياتى ھەققىدە توختالغىنىدا ھاياتىنىڭ دەسلەپكى 10 يىلىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئاساسىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغانلىقىنى، كېيىنكى 10 يىلدا دىنىي ئىلىم بويىچە مەخسۇس ئوقۇش ۋە ئۇستازلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قىزى مەنزۇرە تەكلىماكان رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇ «مەن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دادامدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ مېنىڭ دادام بولغانلىقىدىن، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ قىزى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!. . . » دەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىدە ئۇيۇپ قالغان دادىسىنىڭ ئوبرازى ھەققىدە توختالغىنىدا، «دادام ئائىلىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ، گۈزەل ئەخلاقنىڭ، ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ يارقىن ئۆلچىمى ئىدى، » دەيدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00