ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (8)

0:00 / 0:00

8-بۆلۈم: خىتاي زىندانلىرىدا ئۆتكەن قاباھەتلىك يىللار

1990-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە دىراماتىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. شۇ يىلى 4-ئايدا پارتلىغان بارىن قوزغىلىڭى قانلىق رەۋىشتە باستۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جاي-جايلىرىدا مەسچىت-جامەلەر ۋە دىنىي مەكتەپلەرگە قارىتىلغان تەقىب ھەسسىلەپ كۈچىيىپ، 1980-يىللاردىن بۇيان يېتىشىپ چىققان دىنىي ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە «تازىلاش» ئېلىپ بېرىپ، تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق 3 كىتابىغا ھۇجۇم باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1980-يىللاردىكى قىسقىغىنە 10 يىل جەريانىدا ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەقىب نىشانىغا ئايلىنىدۇ.

ۋاپاتىدىن 9 ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى بۇ كەسكىن ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كەچمىشلىرىگە باغلاپ بايان قىلغان مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاياتىدىكى بوران-چاپقۇنلۇق سەرگۈزەشتىلەرنىڭ دەل ئاشۇ يىللاردا باشلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئۆز ئىسمى بىلەن ئىسىمداش بولغان قاغىلىقتىكى داڭلىق دىنىي ئۆلىما ۋە يېتىشكەن ئىسلام ئالىمى مەرھۇم ئابلىكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ قولىدا تەلىم ئېلىپ دىپلوم ئالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يۇقىرى بىلىمى بىلەن يېڭى ئەۋلاد ياش دىنىي سەرخىللەر ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇ بۇ يىللاردىكى سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلغىنىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىنلا ئۆزىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، 1992-يىلىغا كەلگەندە قاغىلىق ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە ناھىيەلىك سوتنىڭ ئۇنىڭغا 4 خىل جىنايەت ئارتىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ 29 يېشىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاغىلىقتا قولغا ئېلىنىشى ۋە يەكەن ناھىيەسىنىڭ پەيلو تۈرمىسىگە قامىلىشىنىڭ جەريانلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئايالى مەريەمگۈل تەكلىماكان خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تولۇقلىما بەردى. ئۇ يولدىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ شۇ يىللاردا ئۆزى بىلەن ئىسىمداش بولغان ئۇستازى، داڭلىق دىنىي دىنىي ئالىم مەرھۇم ئابلىكىمخان مەخسۇم داموللا ھاجىم بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىدا تالىپلارغا بىر مەزگىل دەرس ئۆتكەنلىكىنى، شۇ سەپەردىن قايتىپ قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى، يەنى 1992-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مەريەمگۈل خانىم شۇ كۈنىدىكى تۇتقۇندا قاغىلىق ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى ۋە نەۋرە تۇغقانلىرى بولۇپ بىر ئائىلىدىن 5 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

مەريەمگۈل تەكلىماكان خانىم شۇ يىللاردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلەرنى قايتا ئەسلىگىنىدە قەلبى قىرىلىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمغا 4 خىل جىنايەت ئارتىپ 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىدۇ. ئۇلار بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتقا ئەرز سۇنىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىپ، «دەلىل-پاكىتلار يېتەرلىك ئەمەس» دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ ۋە جازا مۇددىتىنى 5 يىلغا قىسقارتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاغىلىق تۈرمىسىدىن يەكەن پەيلودىكى تۈرمىگە يۆتكىلىپ جازا مۇددىتىنى ئۆتەيدۇ.

«دادام بىزنىڭلا دادىمىز ئەمەس، بەلكى ئەتراپتىكى مۇھتاجلارنىڭ، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرنىڭ ۋە ياردەمگە ئېھتىياجى بار ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ دادىسى ئىدى، » دەيدۇ مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قىزى مەنزۇرە تەكلىماكان. ئۇ مەرھۇم دادىسىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشلىرى ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە دادىسىنىڭ ھېچقاچان ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنىلا ئويلاپ ياشىغان كىشى ئەمەسلىكىنى، بەلكى پۈتكۈل ئوي-خىياللىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرى ۋە كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

(داۋامى بار)