9-بۆلۈم: ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇش
1992-يىلى يازدا ئەمدىلا 29 ياشقا كىرگەن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ قاغىلىقتىكى ئۆيىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇنىڭ كېيىنكى شەخسىي ھاياتى ۋە ئائىلىۋى تۇرمۇشىدىكى پاجىئەلىك كەچمىشلەرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.
1996-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ يەكەن پەيلودىكى 5 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئائىلىسىدە بارى-يوق ئاران 3 ئاي تۇرالايدۇ. قاغىلىق ناھىيەلىك ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ پېيىگە يەنە چۈشۈپ، كېچە-كۈندۈز ئارام بەرمەيدۇ. يۈز بەرگۈسى بىر پېشكەللىكنىڭ قارا سايىسى ئۇنىڭغا يەنە يېقىنلاپ كېلىدۇ. قايتا قولغا ئېلىنىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن يېقىنلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈلگەن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىر كېچىدە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى قاغىلىقتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئۇ قاغىلىقتىن شۇ ئايرىلغانچە ئۈرۈمچى، تۇرپان، پىچان، سانجى، قۇتۇبى قاتارلىق جايلاردا يۆتكىلىپ يۈرۈپ يوشۇرۇنچە ياشاش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ. ئاخىرى قۇتۇبىدىكى بىر قېرىندىشىنىڭ ياردىمى بىلەن باشقا بىر ئىسىمدا پاسپورت ئىشلىتىپ، 1997-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كېتىدۇ.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئايالى مەريەمگۈل تەكلىماكان خانىممۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، يولدىشىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈرمىدىن چىقىپ ئۆيىدە ئاران 3 ئاي تۇرالىغانلىقىنى، قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ شەپىسى سېزىلگەندە تاغىسىنىڭ ئۆز ئوغلىنى قوشۇپ، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنى قاغىلىقتىن قاچۇرۇۋەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلى ئۆز كەچمىشلىرى ھەققىدە قالدۇرغان ئاۋازلىق بايانىدا ئۆز بېشىغا ۋە ئائىلىسىگە كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ 1992-يىلىدىدىكى تۇتقۇندىن باشلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ 1997-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، ئىران، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە سەرگەردان بولىدۇ. 6 يىلدىن كېيىن ئايالى مەريەمگۈل بىلەن مىسىردا جەم بولىدۇ. كېيىنچە چوڭ قىزى بىلەن ئوغلىنى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن مىڭ بىر جاپادا ئېلىپ چىقىدۇ. ئۈچىنچى بالىسى 11 ياشقا كىرگەندە باشقىلارنىڭ پاسپورتىغا رەسىمىنى چاپلىتىپ خىتاي چېگراسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. تۆتىنچى بالىسى ھەسەنجان ئاتا-ئانىسىدىن تىرىك ئايرىلىپ شۇ پېتى قاغىلىقتا قەپ قالىدۇ.
مەريەمگۈل خانىم ئاشۇ يىللاردىكى ئېغىر كەچمىشلەرنى ئەسلىگىنىدە قەلبى ئۆرتىنىدۇ. ئۇ مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن 1986-يىلى توي قىلىپ ئاران 6 يىل بىللە ئۆي تۇتالىغانلىقىنى، 1992-يىلى يولدىشى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يار-يۆلەكسىز، بالىلىرىنىڭ دادىسىز قېلىپ، ئاجايىپ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن ئەسلەيدۇ.
ئۇ يەنە ۋەتەندە قەپ قالغان 4 پەرزەنتىدىن ئالدىنقى ئۈچىنىڭ تۈرلۈك مۈشكۈلاتلار بىلەن چەتئەلگە چىققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دادىسى بىلەن جەم بولغۇچە بالىلىق دەۋرى ئاخىرلىشىپ چوپ-چوڭلا كىشىلەرگە ئايالنغانلىقىنى، تۆتىنچى پەرزەنتى ھەسەنجاننىڭ شۇ پېتى قاغىلىقتا قەپ قالغانلىقىنى ۋە ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى چەكسىز ئازاب ئىلىكىدە بايان قىلىدۇ.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان چوڭ قىزى مەنزۇرە تەكلىماكان رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا دادىسىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ھىجران ئازابلىرىغا قارىماستىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
ئۇ دادىسى ھەققىدە گەپ قىلغاندا چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «دادام بىزنىڭلا دادىمىز ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ غەمگۇزار دادىسى ئىدى. ئۇ ھەرۋاقىت ياردەمگە مۇھتاجلارنىڭ، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرنىڭ شۇنداقلا قىيىنچىلىققا يولۇققانلارنىڭ قېشىدا پەيدا بولاتتى. ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئەمەلىي ئىمكانىيەتلىرى چەكلىك بولۇشىغا قارىماي، دادام ھېچ بىر ئىنساننىڭ كۆڭلىنى نائۈمىد قالدۇرغان ئەمەس.»
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00