ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (11)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.07.10
Abdulhekimxan-mexsum-Taylandtin-Xitaygha-qayturulghan-oghli-Hesenjan.jpg مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلگەن كىچىك ئوغلى ھەسەنجان. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Arslan

11-بۆلۈم: «مۇھاجىرەتتە تۆلىگەن ئېغىر بەدەللەر»

مەشئەل كۆتۈرگەن ئىنسانلار گەرچە قولىدىكى مەشئەلنىڭ يورۇقى بىلەن مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ ماڭسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىنسان سۈپىتى بىلەن ئۆز ھاياتىدا تۆلەيدىغان بەدەللىرى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئېغىر بولىدۇ.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن قىسقىغىنە ھاياتىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى، بۇ بەدەللەرنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي تراگېدىيەلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.

مەرھۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلى، يەنى 2016-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا ئۆز ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك كەچمىشلەر ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچىدۇ. ئۇ 1990-يىللاردا شەخسەن ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاچچىق كەچمىشلەرنىڭ ئارىدىن 20 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە كىچىك ئوغلى ھەسەننىڭمۇ بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تۈرمىدىن چىققىنىدا كىچىك ئوغلى ھەسەن بىلەن ئاران 3 ئاي بىللە ياشىيالايدۇ. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىز قوغلاپ كەينىگە كىرىشى نەتىجىسىدە ئۇ ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىچىك ئوغلى ھەسەن بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەيدۇ. ئارىدىن 20 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تايلاندقا قېچىپ چىققان ئوغلى ھەسەن تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ساقچىلىرى ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى تايلاند تۈرمىسىدىكى باشقا يۈزدەك ئۇيغۇر مۇساپىر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ. ھەسەن خۇددى ئاتىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمغا ئوخشاشلا قىزى پاتىمە بىلەن ئاران 6 ئاي بىللە ياشىيالايدۇ. ھەتتا تايلاند تۈرمىسىدە تۇغۇلغان ئوغلى مۇھەممەد بىلەن بىر قېتىممۇ كۆرۈشەلمەيدۇ.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرى دۇچ كەلگەن ئېغىر پاجىئەلەر شۇنداقلا پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە تۆلىگەن زور بەدەللەر ھەققىدە ئېغىز ئاچقىنىدا پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. «ئوغلۇم ھەسەن قارانچۇقسىز چوڭ بولۇپ 20 يىلدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا مەن تۆلىگەن بەدەللەرنى تەكرار تۆلىدى، ھەتتا مەندىن ئاشۇرۇپ تۆلىدى. ئۇنىڭ گۇناھى پەقەتلا مېنىڭ ئوغلۇم بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدا ئىدى. ئۇ بۇ دۇنياغا كېلىپ مېنىڭ بىلەن ئاران 3 ئايلا بىللە ياشىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئاتا-بالا قايتا كۆرۈشەلمىگەن ئىدۇق. ئۇ ۋەتەندە خىتايغا قارشى قانداقتۇر بىرەر ھەرىكەت ياكى بىرەر تەشكىلاتقا قاتنىشىش ئەمەس، بەلكى نوپۇسسىز، كىملىكسىز ۋە مەكتەپ يۈزى كۆرۈش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم ياشىغان بىر بالا ئىدى. بۈگۈن خىتاي ئۆزىنى دۇنيادىكى بىر ‹قۇدرەتلىك دۆلەت›، ‹ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىقتىسادىي زور كۈچ› شۇنداقلا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ‹مەدەنىيەتلىك دۆلەت› دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ‹قۇدرەتلىك› لىكى، ‹مەدەنىيەتلىك› لىكى قېنى؟ مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ ھېكايىسى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ماھىيەت جەھەتتىن مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان مۇستەبىت خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ تۇرمامدۇ!؟ مەن دۇنيا خەلقىگە خىتاي توغرىلىق قايتا ئويلىنىشنى، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى چۈشىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن…»

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئايالى مەريەمگۈل خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىچكى ئاڭلاشما نەتىجىسىدە ئوغلى ھەسەن بىلەن كېلىنى رۇقىيەنى خىتايغا يولغا سالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىككى ياشلىق قىزى بىلەن تېخى بىر ياشقىمۇ كىرمىگەن ئوغلىنى ئايرىپ ئېلىپ تۈركىيەگە يولغا سالغانلىقىنى چەكسىز ئازاب ئىلىكىدە بايان قىلدى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شۇ قېتىم رادىيومىزغا قالدۇرغان ئاۋازلىق بايانىدا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار كرىزىسى ۋە ئۇنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قاتاردا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئوغلۇم ھەسەننىڭ قولىدا بېيجىڭدىكى تۈرك ئەلچىخانىسى قانۇنلۇق بەرگەن تۈركىيە پاسپورتى بار ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىلا بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ۋەتەندە قەپقالغان ئوغلۇمنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. قولىدا تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق پاسپورتى بار بولغان بىر كىشىنى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيەگە ئەمەس، بەلكى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ئۆزى خەلقئارا قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ۋە شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا قىلىنغان بىر ھاقارەت، دەپ چۈشىنىمەن!»

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ساۋاقدىشى ۋە مەسلەكداشلىرىدىن ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «گەرچە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ پاجىئەنى شەخسىي ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مىللىي تراگېدىيەنىڭ بىر قىسمى، دەپ چۈشىنەتتى، » دەيدۇ.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قىزى مەنزۇرە تەكلىماكان دادىسىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلارنى قايتا ئەسلەپ چىققانلىقىنى، دادىسىنىڭ ئۆز ھاياتىدا شۇنچە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن تۇرۇقلۇق ھېچقاچان ئىشەنچ ۋە غۇرۇرىنى يوقىتىپ باقمىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت مۇنقەرز ۋەتىنى بىلەن ئەزىز خەلقىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.