ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (12)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.07.24
Merhum-Abdulhekim-Mehsum-Hajim-02.png مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۆيىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىل فېۋرال. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Qutlan

12-بۆلۈم: تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار كىرىزىسىدىن دۇنياغا سوئال

2013-يىلىدىن 2015-يىللىرىغىچە داۋام قىلغان شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار كرىزىسى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق زور ۋەقە بولۇپ قالدى. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارىلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر ئۇچىنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلقئارالىق مەسىلىگە، يەنى دۇنيا مۇساپىرلار كرىزىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى.

نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىنى تاشلاپ خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئۆتىشى، ئۇلارنىڭ توپ-توپى بىلەن ۋىيېتنام، تايلاند ۋە مالايشىيادا تۇتقۇن قىلىنىشى، تايلاند تۈرمىلىرىدە يىللارچە قاماقتا ياتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايدىن تۈركىيە سوزۇلغان بۇ ئۇزاق «ھىجرەت» سەپىرىدە سورۇقچىلىق تارتىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ دۇنيا، شۇ جۈملىدىن دۇنيا تەرتىپىنى كونترول قىلىۋاتقان زور كۈچلەر نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە جىم تۇرۇۋالدى؟ خىتايغا نېمە ئۈچۈن سوئال قويمىدى؟

شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار كرىزىسى داۋامىدا كۆرۈشمىگىلى 20 يىل بولغان ئوغلى، يۈزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان كېلىنى ۋە قېچىش سەپىرىدە تۇغۇلغان نارەسىدە نەۋرىلىرىنىڭ پاجىئەسى بىلەن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 2016-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا بۇ مەسىلە بويىچە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سوئال تاشلايدۇ.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى كرىزىسى بويىچە ياپونىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بۇ پاجىئەلىك كرىزىسنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە بۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان ياپونىيەنى ھامان بىر كۈنى ئوتتۇرىغا چىقىدىغان خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. 

ئۇ يەنە بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار كرىزىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا ئۆز ئوغلى ھەسەن بىلەن كېلىنى رۇقىيەنىڭ بۇ سەپەردىكى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ. 

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ۋە بۇرچى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقىمىز 60 يىلدىن بۇيان ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي مائارىپتىن، مىللىي روھتىن، توغرا ۋە مۆتىدىل بولغان دىنىي تەربىيەدىن ئايرىلىپ قالدى. بۈگۈنگە قەدەر كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تونىغىنى يوق. دۇنيا بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا زادى قانچىلىك ئۇزاق ئارىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق ھېس قىلغىنىمۇ يوق. شۇڭا مەن پۈتۈن ۋاقتىم ۋە زېھنىمنى تەشۋىقات ۋە توغرا بولغان دىنىي تەرغىبات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىۋاتىمەن.»

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 2016-يىلىنىڭ دېكابىر ئايلىرىدا تۇيۇقسىز قازا قىلدى. مەرھۇمنىڭ ئايالى مەريەمگۈل خانىم يېقىندا يولدىشىنىڭ ئەينى يىللىرى ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ مىسىر قاتارلىق ئەللەردە ئۇزۇن مەزگىل ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى، 2005 يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن تۈركىيە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ئەسلىمە قىلدى.

مەريەمگۈل خانىم يەنە مەرھۇم يولدىشىنىڭ تاكى 2005-يىلىغىچە ۋەتەنگە قايتىپ خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى كۈتكەنلىكىنى، ئەمما شۇ يىلىنىڭ ئاخىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.