ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (13)

0:00 / 0:00

13-بۆلۈم: ئىستانبۇلدىكى قارا كۈن

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بىر قارا كۈن بولدى. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان قەلبلەرنى ئېغىر مۇسىبەتكە چۆمدۈردى. ئارىدىن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە سەپداشلىرى بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىدىن يىللار ئىلگىرىلا ئۇنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىگە قارىتا تەھدىت ۋە تەھلىكىنىڭ شەپىلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئايالى مەريەمگۈل خانىممۇ بۇ ھەقتە سۆز ئېچىپ، يولدىشى ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى تۈركىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇنى شەخسىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى بويىچە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام تەكلىماكان دادىسى تاكى تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانغا قەدەر سالامەتلىكىدە ھېچقانداق بىر مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە ساغلام ۋە نورمال ياشىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن بىللە مۇجادىلە ئېلىپ بارغان شۇنچە يىللار داۋامىدا مەرھۇمدا پارچە-پۇرات ھېچقانداق كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت تېتىك، جۇشقۇن ۋە ئۈمىدۋار ياشاپ كەلگەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ قازانىڭ ھەممە كىشىدە بىر خىل ئەندىكىش، سىلكىنىش ۋە سوئال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەريەمگۈل خانىم 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى چارشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن يولدىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا نورمال ھالىتى بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، پەقەتلا «بىرئاز چارچاپ قالدىم» دېگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ.

ئابدۇسالام تەكلىماكانمۇ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن دادىسىنىڭ كەيپىياتىدا ھېچقانداق بىر بىنورمال ئىپادىنى بايقىمىغانلىقىنى، پەقەت ئەتىسى سەھەردە ئادەتتىكىدىن بىر سائەت كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى ۋە «ئاغزىم قۇرۇپ تۇرىدۇ» دېگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ.

مەريەمگۈل خانىم 22-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 لار ئەتراپىدا يولدىشىنىڭ مىجەزىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، سافاغا ئولتۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كېلىپ مەرھۇمنى ئۆيىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغۇچە بولغان بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە يۈرىكىنىڭ سېلىشتىڭ سېلىشتىن توختىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئابدۇسالام تەكلىماكان شۇ كۈنىدىكى خاتىرىسىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا دوختۇرلار بىلەن بىللە چىققانلىقىنى، دادىسىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋاقىتتا يۈرىكىنىڭ ئاللىقاچان سوقۇشتىن توختاپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئاخىرىدا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ شۇ كۈنى ئۆيىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغۇچە بولغان بىر سائەت ئىچىدە، ھەتتا دوختۇرخانىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قازا قىلىشى «بىزگە جاۋابسىز بىر سوئالنى تاشلاپ كەتتى،» دەيدۇ.

(داۋامى بار)