ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (15)

0:00 / 0:00

15-بۆلۈم: مەرھۇم زامانداشلىرىنىڭ خاتىرىسىدە

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئالەمدىن كەتتى، ئەمما مەرھۇم ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا مۇنقەرز ۋەتىنى بىلەن خەلقى ئۈچۈن سوققان ئوتلۇق يۈرىكىنى تاشلاپ كەتتى. مەرھۇمنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئوي-خىياللىرى ۋە پىكىر-تەلقىنلىرى زامانداشلىرىنىڭ خاتىرىسىدە ھېلىھەم ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى كۈرەشكە ۋە ئۈمىدكە ئۈندىمەكتە.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ، ئىجابىيلىق بىلەن كەڭ قورساقلىقنىڭ مەرھۇمدىكى ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەرھۇمنىڭ سەپداشلىرىدىن دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار ئەپەندىمۇ ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1985-يىلى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن قاغىلىقتا تونۇشقانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ ساۋاقداش بولۇپ قاغىلىقتىكى مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئابلىكىمخان مەخسۇمدىن بىللە تەلىم ئالغانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ شۇ يىللاردا يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ پائالىيەتچان بىر شەخسىيەت بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن بىللە ئوقۇغان ياكى بىللە پائالىيەت ئېلىپ بارغان زامانداشلىرىنىڭ كۆپچىلىكى مەرھۇمدىكى كۈچلۈك تەشكىلاتچانلىق قابىلىيىتى بىلەن ھەر ۋاقىت تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتەك دىپلوماتىك ماھارىتىنى بىردەك تىلغا ئېلىشىدۇ. بولۇپمۇ مەرھۇمنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مۇمكىنسىزلىكنى رەت قىلىدىغان ئۈمىدۋارلىق روھىنىڭ ياش ئەۋلادلارغا ئىجابىي كەيپىيات ئاتا قىلغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.

دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋا ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىسلامىي ئېتىقاد مەسىلىسىدە توغرا مەيدان ۋە مۆتىدىل يول تۇتۇپ، ھەممە قوبۇل قىلالايدىغان بىر شەخسىيەتكە ئايلانغانلىقىنى، بۈگۈنكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ يوقلۇقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىلىنگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى يەنە مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ مەيلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىدە مائارىپ جەمئىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا بولسۇن ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىدە بولسۇن ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان بىر شەخسىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

مەرھۇمنىڭ ئايالى مەريەمگۈل تەكلىماكان خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەشكىلاتلار ئارا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى ماھىرلىق بىلەن ياراشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئايرىم شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى توڭلارنىمۇ ئېرىتكۈچى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

مەرھۇمنىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قىزى مەنزۇرە تەكلىماكان دادىسىنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ۋە غايىسى ھەققىدە توختىلىپ، «دادام ھاياتى بويى ئۈمىدۋار ياشىغان، مۇمكىنسىزلىكنى ھەر ۋاقىت رەت قىلىدىغان، ئەمما تىرىشچانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشى ئىدى. بولۇپمۇ دادام مۇنقەرز ۋەتىنىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى ئازادلىققا ئېرىشىدىغانلىقىغا، خەلقىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەركىن ۋە ھۆر ھاياتقا چىقىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى،» دەيدۇ.

ئاخىرىدا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مەرھۇم سەپدىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەردە مەخسۇم ھاجىم بۈگۈنمۇ ھايات بولغان بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ ئىچكى جېدەل-ماجىرالارنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇپ قالىغان بولاتتى. ئۇنىڭ يوقلۇقى بۈگۈن بىزگە رەسمىي بىلىنمەكتە.»

(تۈگىدى)