ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (3)
2018.05.01
3-بۆلۈم: مىللىي كىملىك ۋە ئانا تىل ئىشقىدا
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم كېيىنكى يىللاردا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»، «سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى» ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، دىنىي چۈشەنچە ۋە دىنىي كىملىك جەھەتتىن ئۇلارنى توغرا ۋە مۆتىدىل يولغا يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1950-يىللاردىن بۇيان تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر مۇھاجىر توپلۇقلىرى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا تىل، مەدەنىيەت، قانداشلىق، دىنىي قېرىنداشلىق ۋە تارىخىي باغلىنىشلار سەۋەبلىك ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تۈرك جەمئىيىتىگە سىڭىشىشكە باشلىغان ئىكەن. ئۇ، ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ۋاسىتىلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا بۈگۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ ئۆز مىللىتى بىلەن تويلىشىشنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، تەخمىنەن 20 پىرسەنتىنىڭ قېرىنداش تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش يۈزلىنىشىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، بۇ جەھەتتە مەيلى مائارىپ جەمئىيىتى بولسۇن ياكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بولسۇن، ھەر خىل تەشۋىقات ۋە تەرغىباتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنى ئۆز مىللىتى بىلەن تويلىشىش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ھەمدە مىللىي كىملىكىنى ساقلاشقا چاقىرىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەلۇمكى، ئانا تىل مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرىدا ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھايات ۋاقتىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاش مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ تەكىتلىگەن دىنىي زاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئانا تىل مەسىلىسىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ئىشتا تەخىرسىزلىك ھېس قىلىپ، ھەر تەرەپتىن يول ئىزدىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ يەنە ئانا تىل مەسىلىسىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى، بىلىم ئادەملىرىنى ھەتتا مائارىپ جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم مەسئۇل خادىملارنىمۇ تەنقىد قىلىپ، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆز ئۆيىدە پەرزەنتلىرى بىلەن مۇتلەق ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشتەك مىللىي ئەنئەنىنى ساقلىيالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.
«كېيىنكى يىللاردا بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەر ۋە ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدى،» - دېگەن ئىدى ئۇ ئاشۇ قېتىملىق زىيارىتىمىز ئەسناسىدا - «ئىستانبۇلدىكى بەزى ئائىلىلەر يېقىندىن بۇيان ئۆز ئۆيىدە بالىلىرى بىلەن چوقۇم ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشتەك ئائىلە پرىنسىپىنى بېكىتىپ چىقتى ۋە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. مائارىپ جەمئىيىتى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئارىسىدا ئانا تىلدا سۆزلەش، ئوقۇش ۋە يېزىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەتىجە قازانغان بالىلارنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويدى. بىز ھەتتا ‹ئانا تىل ئولىمپىيەسى› پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مىللىي كىملىك تەربىيىسىدە سىستېمىلىق مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىلانلىرىمىزنىڭ رېئاللىشىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ھەر ئىشنى قىلىشقا تەييارمىز…»
(داۋامى بار)