0:00 / 0:00
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ ئۆرلەش، گۈللىنىش ھادىسىلىرى يۈز بەردى.
ئۇنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە زامان تەلىپىگە لايىق تېمىلارنى، ئوبرازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەر يورۇققا چىقتى. ئەدەبىيات ساھەسىدە يېڭى ئىسىملار پەيدا بولۇپ، ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇلارنىڭ بىرى ئابدۇلمىجىت دۆلەتوف تۇر. ئۇ، ئۇيغۇر - سوۋېت ئەدەبىياتى تارىخىدا ۋە مۇستەقىل قازاقىستان ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان تالانتلىق شائىرلارنىڭ بىر ئىدى.