ئابدۇقادىر داموللام دۇنياغا كەلگەن تىنچسىز يىللار (2)

0:00 / 0:00

19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى ئۇيغۇر تارىخىدا شىددەتلىك بوران-چاپقۇنلارغا ۋە سىياسىي داۋالغۇشلارغا تولغان بىر دەۋر بولغان ئىدى. دۇنيا تارىخىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر، شۇ جۈملىدىن شەرقتە مەنچىڭ ئىمپىرىيەسى، غەربتە چار رۇسىيە ئىمپىرىيەسى، جەنۇبتا ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاسىيانىڭ مەركىزى رايونىدا بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشى شەرقىي تۈركىستاننى ئىمپىرىيەلەر ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىۋاتقان «بۈيۈك ئويۇن» لارنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغانىدى.

1860-يىللارغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جاي-جايلىرىدا مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار پارتلايدۇ. ئىلىدىن خوتەنگىچە، قەشقەردىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى مىللىي ئىنقىلابنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىغا چۆمۈلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ياقۇپبەگ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرىدۇ. تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدا ئىلى سۇلتانلىقى جاكارلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئاسىيانى تىزگىنلەپ تۇرغان زور ئىمپىرىيەلەرنىڭ مۇستەملىكە تالىشىش ئۇرۇنۇشلىرىدا قەشقەرىيە دۆلىتى مەنچىڭ ئىمپىرىيەسى تەرىپىدىن، ئىلى سۇلتانلىقى چار رۇسىيە تەرىپىدىنمۇ نقەرز قىلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى ئىككىنچى قېتىم مانجۇ-خىتاي سۇلالىسىنىڭ ئىستېلاسى ئاستىدا قالىدۇ.

ئابدۇقادىر داموللام مانا مۇشۇنداق بىر تارىخىي دەۋردە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. خۇددى يازغۇچى خەۋەر تۆمۈر «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىنىڭ كىرىش سۆزىدە تەكىتلەپ ئۆتكەندەك: «19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان غايەت ئۇزۇن يىللار دىيارىمىزنى قاراڭغۇلۇق ۋە جاھالەت قاپلىغان يىللار ئىدى. بۇ مەزگىللەردە سىياسىي تۈزۈمدە مۇستەبىتلىك، دىنىي ئېتىقادتا خۇراپاتلىق، بىدئەت ئەۋج ئالدى. خەلق خار-زەبۇنلۇققا، مىللەت زاۋاللىققا يۈزلەندى. . .»

ھالبۇكى، ئاشۇ دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، كەسكىن بىر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىغا، يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارىغا شۇنداقلا زۇلمەتلىك يىللاردىكى مەشئەل كۆتۈرگۈچىگە ئايلانغان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئائىلە نەسەبى ۋە تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز تولىمۇ ئاز. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بايراقدارى ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە تۈرلۈك مەنبەلەردە تۈرلۈك قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، يەنە كېلىپ ھەرقايسى مەنبەلەردە يىلنامىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللىنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى دەلىللەيدىغان ھۆججەت-مەنبەلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك تەھسىلى، قوقەند، بۇخاراغا بېرىپ ئوقۇغان يىللىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۇغۇلغان يىلى ۋە ئائىلە نەسەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە ۋەتەن ئىچىدىكى تەتقىقاتلاردا «1862-يىلى» دېگەن يىلنامە كۆپرەك تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يىللاردا ئوبزورچى يالقۇن روزى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «1870-يىلى» دېگەن يىلنامىنىڭ ھۆججەت ئاساسى بىرقەدەر قايىل قىلارلىق ئىكەن.

شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھەبىبۇللا ئىزچىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇنى 1862-يىلى تۇغۇلغان دەپ يېزىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما يالقۇن روزىنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئوتتۇرىغا قويغان «ئابدۇقادىر داموللام 1870-يىلى تۇغۇلغان» دېگەن يىلنامىنىڭ بىرقەدەر پاكىت ئاساسى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئابدۇقادىر داموللامنى 1862-يىلى تۇغۇلغان دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىنىڭ ياقۇپبەگ قۇرغان مۇستەقىل قەشقەرىيە دۆلىتى مەزگىلىگە توغرا كېلىدىغانلىقى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى ئەڭ داۋالغۇپ تۇرغان يىللار بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللام ئۆسۈپ چوڭ بولغان يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل دۆلەت، يەنى ياقۇپبەگ قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتى بىلەن شىمالدا قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ مىللىي ئىنقىلابلار نەتىجىسىدە قۇرۇلۇش، قەد كۆتۈرۈش ۋە ئاخىرىدا تاشقى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن يىقىلىشتىن ئىبارەت پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقان تارىخىي جەريانلارغا شاھىت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)