19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزى ئون يىللاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە «داموللا» لىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن بۇخارا مەدرىسەلىرى توغرىلىق تەنقىدىي قاراشقا كېلىشى، شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىق پىكىر ئويغىنىشى ھېسابلىناتتى. ئۇ 1899-يىلى بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندا، ئىسلام دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھاتچىلىق چوقانلىرى ۋە ئىسمائىل غاسپىرالى قوزغىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدا بۇخارا مەدرىسەلىرىدىكى ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇسۇلى-قەدىم مېتۇدىغا، ۋاقىتنى زايا قىلىدىغان ھاشىيەخانلىققا، ئوقۇتۇشتىكى دوگمىچىلىق ۋە پىكىر قاتماللىقىغا قارىتا كۈچلۈك گۇمان ۋە سوئاللار پەيدا بولغان ئىدى.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق غايىلىرىگە ئىنتايىن دىققەت قىلغان بىلىم ئادەملىرىنى بىرى. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بۇخارادىكى ئوقۇشىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە قانداق قىلىپ «قەدىمىيەتچى» لەرنىڭ چەمبىرىكى ۋە پىكىر قاتماللىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقى، قانداق جەريانلار بىلەن بىر كەسكىن «جەدىدچى» گە ئايلانغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ جەھەھتتە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەينى يىللىرى كەسكىن بىر ئىسلاھاتچىغا ئايلىنىشىدا، ئۇنىڭ ھەم جامالىدىن ئافغانى قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلاھاتچى ئۆلىمالارنىڭ، ھەم تاتار جەدىدچىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزىمۇ «ش ئۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1916-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» ناملىق ئەسىرىدە، ئۆزىنىڭ «بۇخارا مەدرىسەلەرىدىن زەھەرلەنگەن پىكىر تەلقىنلىرىنىڭ شىپا تېپىشى» غا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلاھاتچى مۇتەپپەككۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن «تەرجۇمان»، «ۋاقىت»، «شۇرا» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مەلھەم بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
ھالبۇكى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە مائارىپنى يېڭىلاش تەشەببۇسلىرى قەشقەردىكى مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالار ۋە يوقىرى قاتلامدىكى بىر قىسىم بايلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي مەدرىسە مائارىپى ۋە ئۇنىڭ قېتىپ قالغان ئوقۇتۇش مېتۇدىنى يېڭىلاش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «بۇ زامان غەپلەت ۋە ئۇيقۇ زامانى ئەمەس، بەلكى ئويغىنىش ۋە ئىلىم-مەرىپەت زامانىدۇر» دېگەن خىتابلىرى جاۋابسىز قالىدۇ. ئامالسىز قالغان ئابدۇقادىر داموللام 1907-يىلى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ساياھەتكە ئاتلىنىش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1907-يىلى ھەج تاۋابىتىگە بېرىش باھانىسى بىلەن ۋەتەندىندىن ئايرىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى قەشقەردىكى بۇرۇختۇم ھاۋادىن سىقىلغان ۋۇجۇدىنى تەسكىن تاپقۇزۇش، ئىسلام دۇنياسىدىكى يېڭىلىقلار ۋە ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ھەمدە ئۇنىڭدىن مەنىۋىي ئىلھام ۋە ئېنېرگىيەگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ شۇ قېتىملىق ئىسلام دۇنياسىغا قىلغان ساياھىتى ۋە بۇ جەرياندا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە تەرجىمىھال خاراكتېرلىق ئەسىرى «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دە بىرقەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەتەنگە قايتقىنىدا، ناھايىتى زور ئىجتىھات ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئىككىنچى مەنبە-يەنى تاتار جەدىدچىلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئاساسىي تېما بولۇۋاتقان ئۇسۇلى-جەدىد مېتۇدىنى كەڭ يېيىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئابدۇقادىر داموللام بۇ قېتىملىق ئىسلام دۇنياسىغا قىلغان ئۇزۇن ساياھىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەردىكى تالىپلىرىغا ئۇسۇلى-جەدىد مېتۇدىدا دەرس بېرىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا يەنە «تەرجۇمان»، «ۋاقىت»، «شۇرا» قاتارلىق تاتار جەدىدچىلىرى نەشىر قىلىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ قەشقەردە مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ دەرس پروگراممىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدىكى بۇ دادىل قەدىمى مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالارنىڭ ھەر تەرەپتىن قىلغان قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
(داۋامى بار)