ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇشى (5)

0:00 / 0:00

ئابدۇقادىر داموللام 1899-يىلى بۇخارادىكى 8 يىلغا سوزۇلغان مەدرىسە تەھسىلىنى تاماملاپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭ قەلبىدە خەلقىنى ئويغىتىش، ئاقارتىش ۋە ئۇلارنى تەرەققىياتقا باشلاشتەك بىر قاتار ئۇلۇغۋار غايىلەر كۆۋەجەپ تۇراتتى. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقى، بولۇپمۇ مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالار قاتلىمىدىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك بېسىملار ئۇنىڭ ئۆز غايىلىرىنى رېئاللاشتۇرۇشىغا ئىماكانىيەت بەرمەيدۇ. ئۇ شۇ دەۋرلەردىكى قەشقەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا مەدرىسە ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مېتۇدىنى تەدرىجى ئىسلاھ قىلىش، ئۇسۇلى قەدىم بىلەن ئۇسۇلى جەدىدنى بىرلەشتۈرۈش، دەرسلىكلەرنى يېڭىلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەشەببۇسلاردا بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان مەدرىسەلەردە سىناق قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى قەشقەردىكى مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالار، يوقىرى قاتلامدىكى ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىشكە قارشى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ قارشىلىق ۋە توسالغۇلار ھەتتا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەر مەدرىسەلىرىدە خاتىرجەم مۇدەررىسلىك قىلىشىغىمۇ مۇمكىنچىلىك بەرمەيدۇ.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەدرىسە-مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مېتۇدىنى ئىسلاھ قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئامالسىز قالغان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1907-يىلى ئىككىنچى قېتىم ۋەتەننى تەرك ئېتىش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇددى غەربىي تۈركىستاندىكى بۇخارا ياكى سەمەرقەنت قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئوخشاشلا كونا بىلەن يېڭىنىڭ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يىرىك مەركەزلىرىدىن ھېسابلانغان بۇ شەھەرلەردە بىرقانچە ئەسىرلەردىن بۇيان شەكىللەنگەن ۋە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي مەدرىسە مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ئىنقىلاب خاراكتېرلىق زور بىر ئىش ئىدى. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ جەھەتتە قەشقەردە ئېلىپ بارغان شۇنچە زور تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى بىلەن تۈگەللەنگەنلىكىنى، ھەتتا ئاخىرىدا ئۇنى ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، غەربىي تۈركىستان شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ، بۇ يەرلەردە مەيدانغا كەلگەن يېڭىلىقلار ۋە ئۆزگىرىشلەردىن كۈچلۈك ئېنىرگىيە ھەم ئىلھام ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

دەرۋەقە، 1907-يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردىن ئايرىلىپ غەربىي تۈركىستاندىكى قوقەن، تاشكەنت، بۇخارا، سەمەرقەنت، ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتا كەزگىنىدە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتۈنلەي باشقىچە بىر مەنزىرە پەيدا بولىدۇ. يەنى 1905-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق رۇسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، رۇسىيەدە مەيدانغا كەلگەن مەلۇم دەرىجىدىكى دېموكراتىيە ھاۋاسى تۈركىستان تۇپراقلىرىدىمۇ يېڭىچە مەنزىرە پەيدا قىلىدۇ. ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، خەلق ئويغىنىشقا، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشقا، مىللىي ھەق-ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ ئاممىباب تۈركىي تىلىدا يېڭىچە گېزىت-ژۇرناللار نەشىر قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى بىر دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق غەربىي تۈركىستان ساياھىتى داۋامىدا بۇ مەنزىرىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن غايەت زور ئۈمىد، جاسارەت ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزىمۇ «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» ناملىق ئەسىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق بۇخارا سەپىرىدە غايەت زور ئىلھام ۋە مەدەتكە ئېرىشكەنلىكىنى، ئىلگىرىكى «ئۇسۇلى جەدىد ھارام» دېگەن پەتىۋانىڭ ئورنىغا «ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىب» دېگەن پەتىۋانىڭ ئالماشقانلىقىنى، ۋەتەنگە قايتىش ھارپىسىدا «مىفتائۇل ئەدەب» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغانلىقىنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇقادىر داموللام ئىككىنچى قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زور شىجائەت بىلەن مەكتەپ ئېچىش ئىشىغا ئاتلانغان. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا 1912-يىلى قەشقەردە تۇنجى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپى ئېچىلغان. ئابدۇقادىر داموللام يەنە تەرەققىيپەرۋەر بايلارنى سەپەرۋەر قىلىپ چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش، ھەتتا قىزلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس مەكتەپ ئېچىش تەشەببۇسلىرىدا بولغان.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتىدىن زور ئىلھام ئالغانلىقىنى، 1911-يىلىنىڭ ئاخىرى ئالمۇتا يولى ئارقىلىق غۇلجاغا كەلگەنلىكى، ئۇ يەردىن قەشقەرگە قايتىپ، يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش ئىشىنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مائارىپ ۋە ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى ئويغىتىشقا بەل باغلىغان ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ «نەسىھەتى ئاممە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ خىتاب قىلىدۇ: «بۇ زامان غەبلەت ۋە بىخۇتلۇق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە ئاگاھلىق زاماندۇر. جاھالەت ۋە نادانلىق زامانى ئەمەس، ئىلىم ۋە مەرىپەت زامانىدۇر.»

(داۋامى بار)