«تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» شوئارىنى تۈپكى نىشان قىلغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشەببۇسلىرىنىڭ بىرى قىرىمدىن قەشقەرگىچە، ئىستانبۇلدىن تۈركىستان تۇپراقلىرىغىچە بولغان بىيپايان تېرىتورىيەلەردە ياشايدىغان تۈركىي تىللىق قېرىنداش خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق بىر ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش ئىدى. بۇ نىشان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى بايراقدارى بولغان ئىسمائىل غاسپىرالىدىن تارتىپ، ياش تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېفقىچە بولغان جەدىدچى سەرخىللارنىڭ ئورتاق غايىسى ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا رۇسىيە تەۋەسىدىكى تاتار يۇرتلىرىدا نەشىر قىلىنغان «شۇرا»، «تەرجۇمان»، «ۋاقىت»، «يۇلتۇز» ۋە «نۇر» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار تىل-يېزىق جەھەتتىن پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى بۈيۈك مەقسەتلىرىنىڭ بىرى قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تاتار مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ساپ، ئاددىي، ئاممىباب ئۇسلۇبتىكى ئورتاق تۈركىي تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
تۈركىيە ئېگەي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇقادىر داموللانىڭ ماقالە-يازمىلىرى ئۆز دەۋرىدە «شۇرا» قاتارلىق تاتار مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ تىل جەھەتتىن ئۆز يازمىلىرىنىڭ «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ «ئورتاق تۈركىي ئەدەبىي تىلى» دا يېزىش غايىسىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئىكەن.

شۇ مەزگىللەردە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان ھەمدە تۈركىي تىلىنىڭ تۈرلۈك شېۋىلىرىدە سۆزلىشىدىغان جاي-جايلاردىكى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا سۆيۈپ ئوقۇلغان تاتار مەتبۇئاتلىرىنىڭ تىلى پرىنسىپ جەھەتتىن ئاددىيلىقنى، ئاممىبابلىقنى، ئورتاقلىقنى ۋە ساپلىقنى ئۆلچەم قىلغانىدى. بولۇپمۇ ساپ تۈركچە سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىش، ئەرەب-پارس تىللىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆز-ئاتالغۇلارنى سىقىپ چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەيلى مۇھاجىرەتتە يازغان ۋە ياكى ۋەتەندە قەلەمگە ئالغان ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا مانا مۇشۇ خىل تىل ئىشلىتىش پرىنسىپىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
جەدىدچى سەرخىللار تەشەببۇس قىلغان «تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» شۇئارى 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى دەۋرىدىمۇ ئۆز تەسىرىنى داۋاملىق كۆرسەتكەن. پروفېسسور ئالىمجان ئىنەيەتنىڭ تەكىتلىشىچە، 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە نەشىر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى»، «ئەركىن تۈركىستان» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىنى ۋاراقلىغاندا، بۇ شۇئارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىش مۇمكىن ئىكەن.
ھالبۇكى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان تۇپراقلارغا كەڭ تارقالغان تاتار مەتبۇئاتلىرى نەشرىيات ئورنى جەھەتتىن قازان، ئۇفا، ئورېنبۇرگ قاتارلىق تاتار شەھەرلىرىگە مەركەزلەشكەنلىكى، تەھرىرات قوشۇنىنىڭ تاتار جەدىدچىلىرىنى ئاساس قىلغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ مەتبۇئاتلاردا ئىشلىتىلگەن «ئورتاق تۈركى تىلى» لۇغەت سوستاۋى جەھەتتىن يەنىلا تاتار تىلىنى ئاساس قىلغان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ «شۇرا» قاتارلىق تاتار مەتبۇئاتلىرىنىڭ تىل جەھەتتىن گەرچە تاتار تۈركچىسىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جەدىدچىلەرنىڭ «تىلدا بىرلىك» شۇئارى بويىچە بارچە تۈركىي تىللىرى ۋە شېۋىلىرىدىن پايدىلىق خۇرۇچلارنى قوبۇل قىلىپ «ئورتاق تۈركىي ئەدەبىي تىلى» نى بەرپا قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى، تاتار مەتبۇئاتلىرىدا ئىشتىلىتىلگەن تىلدا تاتار تۈركچىسى، ئىستانبۇل تۈركچىسى ۋە باشقا تۈركىي تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان «ئورتاق ئېلېمېنت» لارنىڭ يەر ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
دەرۋەقە، ئابدۇقادىر داموللام بۈيۈك بىر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ مەشئەل كۆتۈرگۈچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى سەرخىللار قاتلىمى بىلەن ئاۋام خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى، بولۇپمۇ تىل ۋە چۈشەنچە جەھەتتىكى پەرقلەرنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يەتكەنىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇقادىر داموللام گەرچە «شۇرا»، «ۋاقىت» قاتارلىق تاتار مەتبۇئاتلىرىغا ئەۋەتكەن ماقالە-يازمىلىرىدا «ئورتاق تۈركىي تىلى» نى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا دەرسلىك ۋە ئوقۇشلۇق قىلىپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىپ يازغان كىتابلىرىدا «قەشقەر تۈركچىسى» نى قوللانغان ئىدى.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، «ئورتاق تۈركىي ئەدەبىي تىلى» بىلەن «قەشقەر تۈركچىسى» ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىنتايىن چىۋەرلىك بىلەن تەڭشىگەنلىكىنى ئۇنىڭ «تەجۋىدى تۈركى» ناملىق ئەسىرىنىڭ خاتىمىسىدىكى مۇنۇ بايانلارمۇ تەستىقلايدۇ: «كۈنىمىزدە تەجۋىد كىتابلىرى ئىستانبۇل ۋە تاتار شىۋىسىدە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، مەملىكىتىمىزدە مەزكۇر تەرجىمىلەرنى چۈشەنمەك بىر ئاز ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئىبنى جەزەرىينىڭ تەجۋىد ھەققىدىكى كىتابى، تەجۋىد ئىلمى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان قاتارلىق كىتابلاردىن بەزى مەزمۇنلارنى تاللاپ، مەملىكىتىمىزدە ئادەتلەنگەن تۈرك تىلىدا تۈزۈپ چىقتىم.»
(داۋامى بار)