ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھەسرىتى: يېڭى مەكتەپنىڭ تاقىلىشى ۋە قەشقەردىكى ئېغىر تىنىقلار (10)

0:00 / 0:00

1911-يىلىنىڭ ئاخىرى ئالمۇتا ۋە غۇلجا يولى ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ئابدۇقادىر داموللام تاشقىي دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئالغان كۈچلۈك ئىلھامى بىلەن 1912-يىلىنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە تۇنجى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپى ئاچىدۇ. ھالبۇكى، شۇنچە زور تىرىشچانلىق ۋە ئېغىر بەدەللەر بىلەن ئېچىلغان بۇ مەكتەپ ئىككىنچى يىلىغا بارمايلا تاقىلىپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تۈركىيە ئىگەي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ يىللاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تېخىچە بۇ خىل يېڭىلىقلارغا تەييار ئەمەسلىكىنى، نادانلىق ۋە جاھالەت تۇمانلىرىنىڭ تېخىچە ۋەتەن ئاسمىنىدىن كەتمىگەنلىكىنى، بۇنىڭغا قەشقەردىكى ئەڭ مەشھۇر باي ھېسابلانغان ئۆمەر ئاخۇنباينىڭ يېڭىلىققا ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا تۇتقان سەلبىي پوزىتسىيەسىنىڭ مىسال بولالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلىرى ۋە توسالغۇلۇقلىرى بىر تەرەپتىن شۇ مىللەتنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىدىن كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن تاشقىي تەسىرلەرمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە رول ئوينايدۇ. ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەردە ئاچقان تۇنجى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا قەشقەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەۋجۇت شارائىتى، يەنى يوقىرى تەبىقىدىكى بىر قىسىم جاھىل بايلار بىلەن مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالار قاتلىمىدىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك بېسىم سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىسمىتىمۇ بۇنى بەلگىلىگەن ئىكەن.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 1910-يىللاردىكى قەشقەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئاخۇنبايلار جەمەتىدىن بولغان ئۆمەرباينىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ شۇ دەۋرلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاياتى ھەققىدە تاتار مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ مەنبەلەرگە كۆرە قەشقەرلىق ئۆمەرباينىڭ مىلىتارىست ياڭ زېڭشىنغا سۇنغان چېقىمى سەۋەبلىك قەشقەردىكى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تـاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ مەزگىللەردە قەشقەر ئاتموسفېراسىنى قاپلىغان جاھالەت تۇمانلىرىدىن باشقا يەنە زەئىپلىشىپ ئاخىرىقى تىنىقى قالغان مەنچىڭ سۇلالىلىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى، شۇنداقلا ئىچكىي خىتايدا شىنخەي ئىنقىلابى يۈز بېرىپ، خىتاي جۇمھۇرىيىتى جاكارلانغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىدەك مەۋجۇت شارائىتنىمۇ نەزەرگە ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تىلغا ئالىدۇ.

دەرۋەقە، تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ شۇ مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇپ «شۇرا»، «ۋاقىت» قاتارلىق ئورتاق تۈركىي تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان خەۋەر-ماقالىلىرى بىزنى بۇ ھەقتىكى بىرىنچى قول ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بولۇپمۇ نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ شۇ مەزگىللەردە ئېلان قىلغان «كاشغەر نەشىر مائارىپ جەمئىيىتى» ناملىق ماقالىسىدە قەشقەردە ئېچىلغان ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن تاقالغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزىمۇ شۇ يىللاردا «شۇرا» ژۇرنىلىدا «بايانىي ھەقىقەت» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، قەشقەردىكى مەۋجۇت شارائىت، يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن تاقالغانلىقى ۋە بۇنىڭدىكى تۈپكى ئامىللار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ تېمىدا ئاڭلارمەنلەرگە مۇنۇ تەۋسىيەنى تەقدىم قىلدى: «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەينەى ۋاقىتتا قانچىلىك ئېغىر توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قېرىنداشلارغا نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ‹ئالتەشەھەر مەكتۇپلىرى› ناملىق كىتابىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ كىتاب شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1910-يىللاردىكى سوتسيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پىسىخولوگىيەلىك ئاساسىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم مەنبەدۇر.»

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «بايانىي ھەقىقەت» ناملىق ماقالىسىدە قەشقەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىتىنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى، ئۇسۇلى جەدىد مېتۇدىغا قارشى كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئامالسىز ئۇسۇلى جەدىد مېتۇدىدا ئوقۇتۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇسۇلى قەدىمگە قايتىپ كەلگىنىدە ئاندىن بەربات بولغان ئىززەت-ئابرويىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ھالبۇكى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «شۇرا» ژۇرنىلىدا بەرگەن بۇ چۈشەندۈرۈشلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى جەدىدچىلەر ئارىسىدا بىر مەيدان بەس-مۇنازىرە قوزغايدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شۇ مەزگىللەردە ياش تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېف بولسۇن ۋە ياكى يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇر جەدىدچىلىرىدىن نەزەرخوجا ئابدسەمەت ئوغلى بولسۇن، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ ئىشتا بەل قويۇۋەتمەسلىكىنى، ئۇسۇلى جەدىد مېتۇدىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىنى ۋە قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي مەدەنىيەت مەركىزىدە يېڭى مائارىپچىلىقنىڭ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

(داۋامى بار)