ئىستانبۇلدىن قەشقەرگە: ئەھمەد كامال بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئورتاق چۈشى (11)
2021.05.11
1914-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئېغىر كىرىزسقا پاتقان ئوسمانلى سۇلتانلىقى بىر مەيدان دۇنياۋىي ئۇرۇشنىڭ قاينىمىغا سۆرۈلۈپ كىرىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا ئەنۋەر پاشا، تالات پاشا قاتارلىق ياش تۈركلەر گۇرۇھى ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ بارغانسېرى زەئىپلىشىۋاتقان ھاكىمىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، رۇس ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىگە چۈشۈپ قالغان پىيپايان تۈركىستان-تۇران تۇپراقىلىرىنى قايتۇرىۋېلىش، شۇنداقلا پۈتكۈل تۈرك قەۋملىرىنىڭ تۈركلۈك ئېڭىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئاسىياغا قايتىش ئىستراتېگىيەسىنى كۈنتەرتىپكە قويىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1914-يىلىنىڭ باشلىرىدا «ئىتتىھات ۋە تەرەققىي تەشكىلاتى» ھەج سەپىرىدىن قايتىپ ئىستانبۇلغا كەلگەن ئوبۇلھەسەن مۇساباي بىلەن كۆرۈشۈپ، ياش تۈرك ئوقۇتقۇچى ئەھمەد كامالنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تۈركىيە ئەگەي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى.
قەلبىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن ياش تۈرك ئوقۇتقۇچى ئەھمەد كامالنىڭ قەشقەرگە كېلىشى ئەينى ۋاقىتتا مىللەتنى زامانىۋىي مائارىپ ئارقىلىق ئويغىتىش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئەھمەد كامالنىڭ قەشقەرگە كېلىشى ئابدۇقادىر داموللام تۇتاشتۇرغان مەرىپەت مەشئىلىنىڭ ئۆچۈپ قالاي دەپ قالغان چوغلىرىنى قايتىدىن يېلىنجاتتى، دەيدۇ.
ئەھمەد كامال ئىلقۇل قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر قاتار توسالغۇلارغا ۋە قىيىن جەريانلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇشى، مەرىپەتپەرۋەر باھاۋۇدۇن مۇساباينىڭ ھامىيلىق قىلىشى، شۇنداقلا ئابدۇقادىر داموللام، ئەلى ھاجى قاتارلىق يەرلىك سەرخىللارنىڭ قوللىشى بىلەن 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاتۇشتا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەيدىغان «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» مەكتىپى ئېچىلىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ مەكتەپنىڭ نېمە ئۈچۈن قەشقەر شەھىرىدە ئەمەس، بەلكى ئاتۇشتا ئېچىلغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تارىخىي پاكىتلار بويىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ شۇنچە قاراڭغۇ بولۇشىغا قارىماي ئەھمەد كامالنىڭ شۇنچە تېز ۋاقىتتا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئاچالىشىدا باھاۋۇدۇن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللام، ئەلى ھاجى قاتارلىق يەرلىك سەرخىللارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئەھمەد كامالنىڭ «چىن تۈركىستان يوللىرىدىكى ئۇنتۇلمىغان خاتىرىلەر» ناملىق ئەسلىمىدە ئابدۇقادىر داموللامنى چەكسىز ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغانلىقىنى، ئۇنى «مەنىۋىي ئاتام» دەپ ئاتىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
1914-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەر ۋە ئاتۇشتا بىر مەھەل جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى ئەھمەد كامالنىڭ ئالدى بىلەن جەمئىيەت قۇرۇش، يەنى «ئىسلامىي خەيرىيە جەمئىيىتى» قۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈچى ئارقىلىق مائارىپقا ئىئانە توپلاش ھەمدە ئۇنى كەڭ خەلقنىڭ ئاممىۋىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسىدىن باشلىنىدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، «خەيرىيە جەمئىيىتى» نى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇش پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆمەر ئاخۇنباينىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ئاتۇشتا قۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
1914-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا كەلگەندە ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ «تەشكىلاتى مەخسۇسە» ناملىق ئورگىنى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن ئادىل ھېكمەت بەي، سەلىم سامى بەي، ھۈسەيىن ئەمرۇللا بەي قاتارلىق بەش نەپەر تۈرك خادىم قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىكى يېڭىچە مائارىپ ۋە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ يوقىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئادىل ھېكمەت بەينىڭ «ئاسىيادا بەش تۈرك» ناملىق ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ مەزگىللەردە باھاۋۇدۇن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق يەرلىك سەرخىللار ئۇلارنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرىگە دەستەك بولىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شۇ مەزگىللەردە قەشقەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ياش تۈركلەرگە يېقىندىن ھەمدەم بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
باھاۋۇدۇن مۇساباينىڭ ھامىيلىقى بىلەن ئەھمەد كامال ئاتۇشتا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئېچىپ، «خەيرىيە جەمئىيىتى» نى قۇرغاندىن كېيىن، بۇنىڭ تەسىرى قەشقەر شەھىرىدىكى ياشلارنى ۋە يەرلىك مۇنەۋۋەرلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەشقەر مۇنەۋۋەرلىرى ئۆمەر باينىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي قەشقەردە «خەيرىيە جەمئىيىتى» قۇرىدۇ. تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېف بۇ جەمئىيەتنىڭ «كاشغەر نەشىر-مائارىپ جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى 1914-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەتنىڭ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە خەلقنى ئويغىتىشتا مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)